جېفرېي: پ ك ك بىلەن پ ي د ئارىسىدا مۇناسىۋەت بارلىقى ئوچۇقتۇر

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى جېمېس جېفرېي، پ ي د / ي پ گ نىڭ پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيە قانىتى ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

912442
جېفرېي: پ ك ك بىلەن پ ي د ئارىسىدا مۇناسىۋەت بارلىقى ئوچۇقتۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى جېمېس جېفرېي، پ ي د / ي پ گ نىڭ پ ك ك  تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيە قانىتى ئىكەنلىكىنىڭ ئېنىقلىقىنى ئەسكەرتىپ، «پ ي د – ي پ گ نىڭ پ ك ك  نىڭ سۈرىيە قولى ئىكەنلىكى شۈبھىسىز. بۇ ھەقىقەت 2 يىل ئىلگىرى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پالاتاسىدا ئېلان قىلىندى، ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى – CİA دۆلەتلەر دوكلاتىدىمۇ  ئۇچۇر سۈپىتىدە يازدى» دېدى.

جېيمس جېفرېي، ت ر ت نىڭ سۆھبەت پىروگراممىسىدا سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ ، ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى كىشىلىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئورنىنى بىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەنىڭ مۇنبىچ رايونىدىكى ئاتالمىش دائېشتىن تازىلاش ئۈچۈن ھەمكارلىق ئورناتقان پ ك ك / ك ج ك / پ ي د / ي پ گ نىڭ رايوننى بوشىتىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن جېفرېي، «تۈركلەرنىڭ غەزىپىنى چۈشىنەلەيمەن. مۇنبىچتە مەسئۇلىيىتىمىزنى ئورۇندىيالمىدۇق» دېدى.

جېيمس جېفرېي، ۋاشىنگتوننىڭ سۈرىيە سىياسەتلىرى نەتىجىسىدە يىرىكلەشكەن مۇناسىۋەتلەرنىڭ كېلەچەكتە ئامېرىكىنىڭ رايوندا تۇرۇپ قېلىشى بىلەن تېخىمۇ يامانلىشىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئېيتتى ۋە ئەنقەرەنىڭ ۋاشىنگتوننىڭ سۈرىيە سىياسەتلىرىدە كۆرۈلۈۋاتقان ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىشلەر تۈپەيلى نارازىلىق بىلدۈرۈشىنىڭ نورمال ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى سوغۇقچىلىقنىڭ مۇنبىچ مەسىلىسى تۈپەيلى داۋاملىشىش ئېھتىمالى بارلىقىغا ئىشارەت قىلغان باش ئەلچى جېفرېي، «مۇنبىچ دەتالاشلىق بىر مەسىلە. ئامېرىكا، پ ك ك / ك ج ك / پ ي د / ي پ گ نىڭ فىرات دەرياسىدىن ئۆتمەيدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى. بىراق، پ ك ك / ك ج ك / پ ي د / ي پ گ ئۇ يەردىن ئۆتۈپ مۇنبىچقا كىردى» دېدى.

ئامېرىكىلىق سابىق باش ئەلچى جېفرېي، بارلىق سەلبىي ئەھۋاللارغا قارىماي ئىككى كونا دوست ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەت ئارىسىدىكى سوغۇقچىلىقنىڭ ئۇزۇن داۋاملاشمايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

جېفرېي، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى سىياسەتلىرىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى كۈچلۈك كىشىلىرى، ئوتتۇرا شەرقنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ قانچىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ ۋە سۈرىيەدىكىگە ئوخشاش ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئوتتۇرىغا چىققان پىكىر ئوخشىماسلىقلىرىنىڭ بالدۇرراق ھەل بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر