ترامپ مەكتەپ ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا تەزىيە بىلدۈردى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ فىلورىدىكى مەكتەپكە قىلىنغان ھۇجۇمدا ئۆلگەنلەرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا تەزىيە بىلدۈردى.

911577
ترامپ مەكتەپ ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ فىلورىدا ئىشتاتىدىكى بىر مەكتەپكە قىلىنغان ھۇجۇمدا ئۆلگەن 17 ئادەمنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بىلەن يېقىن-يورۇقلىرىغا تەزىيە بىلدۈردى.

دونالد ترامپ ئاق سارايدا بۇ ۋەقە ھەققىدە توختىلىپ ئالاقىدار ئورۇن ۋە مەسئۇللارنىڭ بۇ مەسىلىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى ۋە ئامېرىكا خەلقىنىڭ ھەر قانداق قىيىنچىلىقنى يېڭىپ چىقالايدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: ھۇجۇمدا ئۆلۈپ كەتكەنلەرگە تەزىيە بىلدۈرىمىز، ئامېرىكا مەكتەپلىرىدىكى بىرمۇ ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچى تەھدىت ئاستىدا بولماسلىقى كېرەك، بىز ھەر ۋاقىت سىلەرنىڭ يېنىڭلاردا تۇرىمىز، مەكتەپلىرىمىز ۋە پەرزەنتلىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشنى ئالاقىدار ئورۇنلار بىلەن مۇزاكىرە قىلىمەن، بۇ قىيىنچىلىقنى بىرلىكتە يېڭىمىز، دېدى.

ترامپ پات يېقىندا ھۇجۇم يۈز بەرگەن پارلەند رايونىنى زىيارەت قىلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنىمۇ ئېيتتى.

بۇنىڭدىن تاشقىرى ھۇجۇمنى سادىر قىلغان 19 ياشلىق نىكولاس كىرۇزنىڭ 17 ئادەمنى قەستەن ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن سوتلىنىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ھۇجۇمنى سادىر قىلغان كىرۇزنىڭ نېمە ئۈچۈن جىنايەت سادىر قىلغانلىقى توغرىسىدا ھازىرغىچە ئېنىق مەلۇمات بېرىلمىدى، لېكىن ئۇنىڭ ئاق تەنلىك ئىرقچى گۇرۇھنىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقالدى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۇچۇرلاردا «كەسپىي زوراۋان بولۇش»خىيالىنى قىلىپ يۈرگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن كىرۇزنىڭ ئىلگىرىمۇ ئىككى قېتىم «ھۇجۇم سادىر قىلىشنى پىلانلىغانلىقىنى»ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

كىرۇزنىڭ قوراللىق ھۇجۇم سادىر قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس تەلىم ئالغانلىقى توغرىسىدىمۇ ئېنىق ئۇچۇر تارقالمىدى، لېكىن ئۇنىڭ بۇرۇن « AR-15 »تىپلىق يېرىم ئاپتوماتىك قورال  ئىشلەتكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

بۇ قېتىمقى فىلورىدا ۋەقەسى ئامېرىكىدا 2012-يىلى 28 ئادەم ئۆلگەن ساندېي ھوك باشلانغۇچ مەكتەپ ۋەقەسىدىن كېيىنكى ئەڭ قورقۇنچ مەكتەپ ۋەقەسى ھېسابلىنىدۇ.

2012-يىلدىكى ۋەقە ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى زامان تارىخىدىكى «ئەڭ قورقۇنچ 10چوڭ قوراللىق ۋەقە »تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر