قانۇنسىز دورا ساتقان ئامازون شىركىتىگە جەرىمانە قويۇلدى
يىللارچە قانۇنسىز قۇرت-قوڭغۇز دورىسى ساتقان ئامازون شىركىتىگە جەرىمانە قويۇلدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىدا مۇھىت ئاسراش ئاگېنتلىقى تور سودىسى شىركىتى ئامازونغا قانۇنسىز قۇرت-قوڭغۇز دورىسى ساتقانلىقى سەۋەبىدىن 1 مىليون 200 مىڭ دوللار جەرىمانە قويدى.
مۇھىت ئاسراش ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2014-يىلى باشلىغان تەكشۈرۈش خىزمىتى نەتىجىسىدە ئامېرىكىدا قۇرت-قوڭغۇز دورىسى سېتىشنى چەكلىگەن قانۇنلارغا 4000 قېتىم خىلاپلىق قىلغان ئامازون شىركىتى بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان.
كېلىشىمنىڭ روھىي بويىچە 1 مىليون 200 مىڭ دوللار جەرىمانە تۆلەش قارار قىلىنغان ئامازون شىركىتى، بۇنىڭدىن كېيىن تور بېتىدە قانۇنسىز قۇرت-قوڭغۇز دورىسىنى سېتىشنى توختىتىشقا ۋە خېرىدارلارنى ئەستايىدىل كۆزىتىشكە ۋەدە بەردى.
ئامازوندا سېتىلغان قۇرت-قوڭغۇز دورىلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ، ئىمپورت قىلىنىپ يالغان ماركا چاپلىنىپ سېتىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
بىلدۈرۈلۈشىچە، شىركەت يەنە 2013-يىلدىن 2016-يىلغىچە قانۇنسىز قۇرت-قوڭغۇز دورىلىرى سېتىۋالغان خېرىدارلار بىلەن ئالاقىلىشىپ پۇللىرىنى قايتۇرۇش ۋە مەھسۇلاتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا قايىل قىلىدىكەن.