خىتاي بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا تەييار تۇرۇشىمىز كېرەك

ئامېرىكانىڭ ئاۋستىرالىيەدە باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىگە نامزات كۆرسىتىلگەن دېڭىز ئارمىيە گېنېرالى ھارىي ھارىس خىتاينىڭ ھەربىي نۇقتىدىن بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، دۆلىتىنىڭ ئۇرۇشقا تەييارلىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

912031
خىتاي بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا تەييار تۇرۇشىمىز كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە گېنېرالى ھارىي ھارىس ئامېرىكا كونگرەسىدە سۆز قىلغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەقسىتىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا ھاكىمىيىتىنى تىكلەش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ: «خىتاينىڭ مەقسىتى خرۇستالدەك ناھايىتى ئېنىق، بۇنى كۆرمەسكە سېلىپ ئۆزىمىزنى خەتەرگە ئىتتىرىۋاتىمىز. خىتاينىڭ خەلقئارا قانۇنلارغا تايىنىدىغان دۇنيا تەرتىپىگە ئورا كولاشقا ئۇرۇنىدىغانلىقىدىن ئەندىشە ھېس قىلىمەن» دېدى.

گېنېرال ھارىي ھارىس خىتاينىڭ ھەربىي نۇقتىدىن كۈچىيىشىنىڭ، پات يېقىندا ئامېرىكاغا ھەر ساھەدە ھەيۋە قىلالايدىغان نۇقتىغا يېتىشى مۇمكىنلىكىنى قەيت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«بىر ئۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشىۋاتقاندا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇرۇش ئۈچۈن پىلان تۈزۈش ۋە ئىقتىسادىي مەنبە تەييارلاشنى مۇھىم دەپ ئويلايمەن. شۇنداق بىر كۈندە ئۇرۇشنى داۋام قىلالايدىغان بولۇش ناھايىتى مۇھىم. ئۇنداق بولمىغاندا، قەغەز يولۋاس بولۇپ قالىسىز. ئىشنىڭ خىتاي بىلەن ئۇرۇش قىلىش نۇقتىسىغا بارماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن، بىراق ئۇ ئېھتىمالغا قارشى تەييار بولۇشىمىز كېرەك.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر