ئىسرائىلىيە ئاتالمىش «قىرغىنچىلىق» لايىھەسىنى رەت قىلدى

ئىسرائىلىيە پارلامېنتى، 1915 – يىل ۋەقەلىرىنى «قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىشنى مەزمۇن قىلغان قانۇن لايىھەسىنى رەت قىلدى.

911266
ئىسرائىلىيە ئاتالمىش «قىرغىنچىلىق» لايىھەسىنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىرۇسالىم پوچتىسى گېزىتى، «ئىسرائىلىيە پارلامېنتى، ئەش ئاتىد پارتىيەسى ۋەكىلى يائىر لاپىد تەرىپىدىن سۇنۇلغان <ئەرمەن قىرغىنچىلىقى> نى ئېتىراپ قىلىش توغرىسىدىكى لايىھەنى رەت قىلدى» دەپ يازدى.

ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياردەمچىسى تسىپى خوتوۋېلى، 1915 – يىل ۋەقەلىرىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئەرمېنىيەنىڭ پايتەختى ئەرىۋانغا بىر پارلامېنت ھەيئىتى ئەۋەتكەنلىكلىرىنى خاتىرىلەتكەندىن كېيىن، «بىراق، دۆلىتىمىز  مۇرەككەپلىكى ۋە دىپلوماتىك ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە گەۋدىلىك سىياسىي تەبىئىتى تۈپەيلىدىن بۇ مەسىلىدە رەسمىي پوزىتسىيە بىلدۈرمەيدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر