ئامېرىكىدىكى بىر مەكتەپتە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

ېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ فىلورىدا ئىشتاتىدىكى بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ، 17 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.

910852
ئامېرىكىدىكى بىر مەكتەپتە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بروۋارد شەھىرىدىكى مەزكۇر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بۇرۇنقى ئوقۇغۇچىسى ھۇجۇمچى نىكولاس كرۇز نازارەت ئاستىغا ئېلىندى. كرۇزنىڭ ئۆتكەن يىلى ئىنتىزام جازاسىغا ئۇچراپ مەكتەپتىن قوغلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ساقچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 12 كىشىنى مەكتەپنىڭ ئىچىدە ئۆلتۈرگەن نىكولاس كرۇز، سىرتقا چىقىپ مەكتەپنىڭ باغچىسىدا ئىككى كىشىنى ۋە كوچىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر ئادەمنى ئۆلتۈرگەن. ۋەقەدە يارىلانغان ئىككى كىشى دوختۇرخانىدا بالنىستتا ھاياتىدىن ئايرىلغان.

شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن كېيىنكى پەيتلەردە مەيدانغا كەلگەن ھۇجۇمدىن كېيىن، يەرلىك ساقچىلارنىڭ ۋەقەگە دەرھال مۇداخىلە قىلىپ، مەكتەپنى تاقاپ بارلىق ئوقۇغۇچىلارنى تارقاقلاشتۇرغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

دوختۇرخانىدا بالنىستقا ئېلىنغان يارىدارلارنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلمىدى.

ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ۋەقەگە ئالاقىدار تەكشۈرۈشلىرى داۋام قىلماقتا.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋەقە يۈز بېرىپ بىر قانچە سائەت ئۆتكەندىن كېيىن تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، «دۇئالىرىمىز ۋە تەزىيەلىرىمىز فىلورىدادىكى قورقۇنچ ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرى ۋە يېقىن – يورۇقلىرى بىلەن بىرگىدۇر. ھېچبىر ئوقۇغۇچى، ئوقۇتقۇچى ياكى باشقا بىرى بىر ئامېرىكا مەكتىپىدە ئۆزىنى خەتەر ئىچىدە ھېس قىلماسلىقى لازىم» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

نىكولاس كرۇزنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى توپلىنىش ئورنىغا يىغىپ تېخىمۇ كۆپ ئادەمنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن غەرەزلىك ھالدا ئوت ئاپىتى سىگنالىنى ئېچىۋەتكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى.

ئىگىلىنىشىچە، نىكولاس كرۇز ئوقۇغۇچىلارنى ناھايىتى سوغۇققانلىق بىلەن ئوققا تۇتقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر