ئافرىندا خەلقئارا قىزىل كىرېست تەشكىلاتىنىڭ يارەدم يېشىكلىرى تېپىلغان

تۈركىيە ئارمىيەسى بىلەن ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى ئافرىن رايونىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د، پ ك ك پاناھلانغان جايلارنى ئاختۇرغاندا، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قاراشلىق سۈرىيە قىزىل ئاي جەمئىيىتى ۋە خەلقئارا قىزىل كىرېست تەشكىلاتىنىڭ يېشىكلىرى تېپىلغان.

910968
ئافرىندا خەلقئارا قىزىل كىرېست تەشكىلاتىنىڭ يارەدم يېشىكلىرى تېپىلغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى بىلەن ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى دائىرەسىدە، تېررورىستلاردىن تازىلانغان سالكانلىدا پاناھلىنىش جايلىرىنى ئاختۇرغان. ئاختۇرۇشتا، يېمەك-ئىچمەك ۋە باشقا ئېھتىياجلىق بۇيۇملار قاچىلانغان يېشىكلەر تېپىلغان بولۇپ، ئىچىدىن بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قاراشلىق قىزىل ئاي جەمئىيىتى بىلەن خەلقئارالىق قىزىل كىرېست تەشكىلاتىنىڭ لوگوسى بىللە چۈشۈرۈلگەن ۋاراقچىلار چىققان.

سۈرىيە قىزىل ئاي جەمئىيىتى بىلەن خەلقئارا قىزىل كىرېست تەشكىلاتى تونۇشتۇرۇلغان تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىدا، ياردەملەرنىڭ پۇقرالارغا قىلىنىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

ۋاراقچىلاردا، قوراللىق گۇرۇپپىلاردىن ياردەملەرنىڭ ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە يەتكۈزۈلىشىگە توسقۇنلۇق قىلماسلىق تەلەپ قىلىنغان.

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئافرىندا ئۇۋا تۇتقان تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئىچكى ئۇرۇش باشلانغاندىن تارتىپ ئارقا سەپ ياردىمى قىلىۋاتقانلىقى بىلىنەتتى.

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئافرىنغا ھەلەب ئارقىلىق ئېچىلغان كارىدوردىن ئوخشىمىغان جايلاردىن تېررورىستلارنىڭ ئۆتۈشىگە ياردەم قىلماقتا.

شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدىكى خەلقئارا قىزىل كىرېست كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى ئىيولاندا: «ئافرىندىكى تېررورىستلارنىڭ پاناھلىنىش جايلىرىغا قىزىل كىرېست تەشكىلاتىنىڭ ياردەملىرى قانداق كەلدى؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، ئۆتكەن يىلى (2017) ئافرىنغا ئوخشىمىغان بەش ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەترىتى ئەۋەتكەنلىكلىرىنى ئېتىراپ قىلغان.

باياناتچى ئىيولاندا پ ي د، پ ك ك نىڭ ئىشغالى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان تەل رىفات بىلەن ئافرىن ئەتراپىدىكى لاگېرلاردا پاناھلىنىۋاتقان يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلغان 10 مىڭ ئائىلىلىدىن تەخمىنەن 50 مىڭ ئادەمگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ئەۋەتكەنلىكلىرىنى، رايونغا ياردەم توشۇغان ئاپتوموبىللارنىڭ ئاخىرقى قېتىم بۇندىن ئىككى ئاي بۇرۇن بارغانلىقىنى قەيت قىلغان.

ئۇ: «خەلقئارا قىزىل كىرېست كومىتېتى مۇستەقىل ۋە بىتەرەپ تەشكىلات. جەڭچىلەرگە قەتئىي ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ئەۋەتمىدۇق، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم يېشىكلىرىنى سۈرىيە قىزىل ئاي جەمئىيىتىگە تاپشۇرۇپ بېرىمىز، ئۇلار تارقىتىدۇ» دېگەن.

ئۇ بۇندىن كېيىن ئەۋەتىلگەن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە يەتكۈزۈلگەن-يەتكۈزۈلمىگەنلىكىنى تەكشۈرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتقان.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر