«تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىشىشنىڭ چارىسىنى تېپىشقا مەجبۇرمىز»
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىشىشنىڭ چارىسىنى تېپىشقا مەجبۇر ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.
910448
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوتتۇرا شەرق زىيارىتى دائىرىسىدە ئىيوردانىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ۋە ئىلگىرىمۇ تۈركىيە دۇچ كېلىۋاتقان تەھدىتلەرنى چۈشىنىدىغانلىقلىرىنى ئېيتقان تىللېرسون، ئەتە باشلىنىدىغان تۈركىيە زىيارىتى دائىرىسىدە ئېلىپ بارىدىغان ئۇچرىشىشلىرىدا، ئەنقەرە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنىڭ چارىسىنى تېپىش مەسىلىسىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.