بېلگىيە ئالىي سوتى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئۇنسۇرلىرى توغرۇلۇق مۇھىم قارار چىقاردى

بېلگىيە ئالىي سوتى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئۇنسۇرلىرىنىڭ تېررورلۇق پائالىيەتلىرى سەۋەبىدىن سوتلىنالمايدىغانلىقىغا ئالاقىدار قارارنى بىكار قىلدى.

910122
بېلگىيە ئالىي سوتى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئۇنسۇرلىرى توغرۇلۇق مۇھىم قارار چىقاردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېلگىيە نارازىلىق ئەرزى سوتى بۇلتۇر 14 – سېنتەبىر كۈنى بېلگىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ «پ ك ك نىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەمەسلىكى» توغرۇلۇق چىقارغان قارارغا قىلىنغان ئېتىرازىنى رەت قىلغان ئىدى.

نويابىرنىڭ باشلىرىدا بېلگىيە فېدېرال تەپتىش مەھكىمىسى ئالىي سوت مەھكىمىسىگە ئېتىراز بىلدۈرۈپ «قوراللىق  كۈرەش ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتى» غا ئالاقىدار قانۇن – بەلگىلىمىلەرنىڭ پ ك ك ئۇنسۇرلىرى ئۈچۈن كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى، چۈنكى پ ك ك ئۇنسۇرلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ تېررورلۇق پائالىيەتلىرى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇ قارارى ئارقىلىق  تۆۋەن دەرىجىلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارى بىكار قىلىنغان بولدى. شۇنىڭ بىلەن، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ياۋروپادىكى يۇقىرى دەرىجىلىك كاتتىباشلىرىدىن رەمزى قارتال ۋە زۇبەير ئايدارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 36 شەخسنىڭ تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش قانۇنلىرى دائىرىسىدە سوتلىنىشى ئۈچۈن زېمىن ھازىرلانغان بولدى.

2015 – يىلى ئۆكتەبىردە بۇ ھەقتە ئالىي سوت مەھكىمىسىگە سۇنۇلغان ئەرزنامىدە،  پ ك ك ئەزالىرى بېلگىيە ۋە باشقا غەربىي ياۋروپا ئەللىرىدىن ياشلار ۋە بالىلارنى ئائىلىلىرى بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلىغاندىن كېيىن، بېلگىيەدىن باشقا يەنە، گىرېتسىيە ۋە ئىراقتىكى لاگېرلىرىدا تەربىيەلەش بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىدى. جاۋابكارلارغا ئارتىلغان جىنايەتلەر ئارىسىدا يالغان ھۆججەت ياساش ۋە پۇل يىغىش قىلىش قاتارلىقلارمۇ بار ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر