ئىدلىبتا ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى
سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىگە قاراشلىق مائارات مىسرىن رايونىدا ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى.
909344
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىگە قاراشلىق مائارات مىسرىن رايونىدا ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، 4 نەپىرى ئايال بولۇپ جەمئىي 9 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، 14 ئادەم يارىلاندى؛ يارىدارلار رايوندىكى دوختۇرخانىلاردا بالنىستقا ئېلىندى.
ھازىرچە ھېچقانداق تەرەپ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىدى.