ترامپ پۇتىنغا تەزىيە بىلدۈردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىنغا تېلېفون ئېلىپ، يەكشەنبە كۈنى موسكۋا ئەتراپىدا مەيدانغا كەلگەن ئايروپىلان قازاسىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈردى.

909478
ترامپ پۇتىنغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كرېمىل سارىيى مەتبۇئات ئىشلىرى ئىشخانىسى بايانات بېرىپ، ترامپ بىلەن پۇتىننىڭ تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا، ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىگە ئالاقىدار ئەڭ يېڭى ئەھۋاللار توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

بۇنىڭدىن باشقا، ترامپنىڭ يەكشەنبە كۈنى موسكۋا ئەتراپىدا مەيدانغا كېلىپ 71 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئايروپىلان قازاسى مۇناسىۋىتى بىلەن، پۇتىنغا تەزىيە بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

پۇتىن تۈنۈگۈن پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس بىلەن موسكۋادا ئۇچرىشىشتىن ئىلگىرى بايانات بېرىپ، ترامپ بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىدە پەلەستىن – ئىسرائىلىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىش مەسىلىسى توغرىسىدىمۇ سۆزلەشكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر