ئىراندا قۇش زۇكىمى سەۋەبلىك نۇرغۇن توخۇ بىر تەرەپ قىلىندى

ئىراندا « H5N1»تىپلىق قۇش زۇكىمى تارقىلىپ نۇرغۇن توخۇ بىر تەرەپ قىلىندى.

908857
ئىراندا قۇش زۇكىمى سەۋەبلىك نۇرغۇن توخۇ بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراندا قۇش زۇكىمى سەۋەبىدىن 25 مىليون قۇش جىنسلىق ھايۋان بىر تەرەپ قىلىندى.

ئىران ئىشچى خەۋەر ئاگېنتلىقى ئىلنانىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان تېھران توخۇ-توخۇم ئۇيۇشمىسى باشلىقى ناسىر نەبىپۇر ئىراندا تارقالغان قۇش زۇكىمى سەۋەبلىك قۇش جىنسلىق ھايۋانلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

نەبىپۇر: تەخمىنەن 25 مىليون توخۇ يەنى ئىراندىكى قۇش جىنسىق ھايۋانلارنىڭ %40ى خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى قوغداش مەقسىتىدە بىر تەرەپ قىلىندى، دېدى.

قۇش جىنسلىق ھايۋانلار ئارىسىدىمۇ قۇش زۇكىمىنىڭ تارقالغانلىقىنى ئېيتقان نەبىپۇر، بۇ ئەھۋالنىڭ توخۇم ئىشلەپچىقىرىشنى ئازايتقانلىقى سەۋەبىدىن باھاغا سەلبىي تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

قۇش زۇكىمى سەۋەبىدىن مىليونلارچە قۇش جىنسلىق ھايۋاننى بىر تەرەپ قىلىشقا مەجبۇر قېلىپ توخۇم ئىشلەپچىقىرىشتا ئېغىر قىيىنچلىققا دۇچ كەلگەن ئىران، تۈركىيەدىن ھەپتە تەخمىنەن 50 يۈك ماشىنىسى توخۇم ئىمپورت قىلىدۇ.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2003-يىلدىن 2018-يىلغىچە دۇنيا مىقىياسىدا 454 كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان « H5N1»تىپلىق قۇش زۇكىمى كۆچمەن قۇشلاردىن يەرلىك قاناتلىق قۇشلارغا، ئارقىدىن ئىنسانلارغا يۇقىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر