ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تېررورلۇققا قارشى كۈرەش توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

مۇشۇ بىر ھەپتە ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە، پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 25 نەپەر ئەزاسى بىر تەرەپ قىلىندى.

909016
ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تېررورلۇققا قارشى كۈرەش توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى 5-فېۋرالدىن 12-فېۋرالغىچە بولغان كۈنلەردە ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەر ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھەربىي ھەرىكەتلەردە 13 پ ك ك ئەزاسى تەسلىم بولغان، 11 نەپىرى تىرىك ۋە بىر نەپىرى ئۆلۈك ھالدا قولغا چۈشۈرۈلگەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئىككى دانە «AT4» تىپلىق تېشىپ ئۆتكۈچى راكېتامىيوت، ئېغىر ۋە يەڭگىل يىراق مۇساپىلىق قوراللار، 790 كىلوگىرام پارتلاتقۇچ ماددا، 15 دانە قول بومبىسى ۋە كۆپ مىقداردا ھەرخىل ھەربىي لازىمەتلىكلەر قولغا چۈشۈرۈلگەن.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا «زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى» ھەققىدە تېررورلۇق تەشكىلاتىغا يانبېسىپ تەشۋىقات قىلغان 474 كىشىنى ۋە نامايىشلارغا قاتناشقان 192 كىشىنى قولغا ئېلىش قارارى چىقىرىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر