ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە چېگراسىدە سۈركىلىش كەسكىنلەشىمەكتە

ئەزەربەيجان-ئەرمېنىيە لىنىيەسىدە سۈركىلىش كەسىنلەشتى

908967
ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە چېگراسىدە سۈركىلىش كەسكىنلەشىمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان-ئەرمېنىيە ئارىسىدىكى ئوق چىقىرىشنى توختىتىش لىنىيەسىدە سۈركىلىش كەسكىنلەشمەكتە.

ئەزەربەيجان مۇداپىئە مىنىستىرلىقى جېدەل چىقارمچى بولغان ئەرمېنىيە ئەسكەرلىرىنىڭ چېكىندۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئوق چىقىرىشنى توختىتىش لىنىيەسىنىڭ قازاق رايونى يۆنىلىشىدە ئەرمېنىيە ئەسكەرلىرى تۇمانلىق ھاۋادىن پايدىلىنىپ ئوق چىقارمچى بولغان.

بۇ ۋەقەنى ۋاقتىدا بايقىغان ئەزەربەيجان ئەسكەرلىرى دەرھال قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ ئەرمېنىيە ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈردى.

ئەرمېنىيە ئەسكەرلىرى ئۆزلىرىگە تەۋە بىر ھەربىي ماشىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىدى.

ئەزەربەيجان مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك ۋىدېئو ئېلان قىلدى.

ئەرمېنىيە ئەسكەرلىرى ئۆتكەن ھەپتىمۇ ئوق چىقىرىشنى توختىتىش لىنىيەسىگە ھۇجۇم قىلماقچى بولغانىدى، نەتىجىدە ئىككى تەرەپ ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ 11 ئەرمېنىيە ئەسكىرى ئۆلۈپ 2 ئەسكەر يارىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر