ئەنگلىيە: پاكىتلار پ ك ك - ي پ گ مۇناسىۋىتىنى ئاساسقا ئىگە قىلدى

ئەنگلىيە ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى باشلىقى توم تۇگېندخات، دەلىل - ئىسپاتلارنىڭ پ ك ك - ي پ گ مۇناسىۋىتىنى روشەن كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

908064
ئەنگلىيە: پاكىتلار پ ك ك - ي پ گ مۇناسىۋىتىنى ئاساسقا ئىگە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى باشلىقى توم تۇگېندخات، كومىتېتقا سۇنۇلغان دەلىل – ئىسپاتلارنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك بىلەن ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى ئاساسقا ئىگە قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بۇ دائىرىدە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى، نۆۋەتتىكى پوزىتسىيەنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى لازىم. ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرلىكىنىڭ نۆۋەتتىكى قارىشى تۇترۇقسىز» دېدى.

ئەنگلىيە ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى 3 ئاي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، سۈرىيەدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتى مۇناسىۋىتى توغرىسىدا 33 بەتلىك بىر پارچە دوكلات ئېلان قىلدى.

كومىتېت باشلىقى تۇگېندخات مەزكۇر دوكلات توغرىسىدا توختىلىپ، «تەكشۈرۈشىمىز جەريانىدا سۇنۇلغان پاكىتلار ي پ گ نىڭ پ ك ك  بىلەن چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى ئاساسقا ئىگە قىلدى. بىراق، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرلىكى بۇ چېتىشلىقنىڭ مەۋجۇتلۇقى توغرىسىدىمۇ قارارسىز كۆرۈندى. بۇنىڭغا ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ» دېدى.

تۈركىيەنىڭ ي پ گ نى پ ك ك بىلەن چېتىشلىق بىر تېررورلۇق تەشكىلاتى، دەپ قارايدىغانلىقىنى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بولسا، مەزكۇر تەشكىلاتنى دائېشقا قارشى كۈرەشتە ئۆزىگە ئىتتىپاقداش قىلغانلىقىنى ۋە ئۇنى قورال بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن تۇگېندخات، ئەنگلىيەنىڭ بۇ جەھەتتىكى پوزىتسىيەسىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر