مىسىردا تېررورلۇققا قارشى كەڭ - كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت باشلاندى

مىسىر ئامانلىقنى ساقلاش قىسىملىرى سىنانىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى رايونلاردا تېررورلۇققا قارشى كەڭ - كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت باشلىدى.

907480
مىسىردا تېررورلۇققا قارشى كەڭ - كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر ئارمىيەسى باياناتچىسى پولكاۋنىك تامىر ئەر رىفائى ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدىن ئېلان قىلغان رەسمىي باياناتىدا، «تېررورلۇق ئۇنسۇرلىرىنى ئۇجۇقتۇرۇش ۋەزىپىسىگە نىسبەتەن ئىستىراتېگىيەلىك ھەرىكەتلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن ئارمىيە ۋە ساقچىلار قىزىل سېگنال ھالىتىگە ئۆتتى» دېدى.

پولكاۋنىك تامىر ئەر رىفائى تېلېۋىزىيە قانىلىدا 3 مىنۇتلۇق ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، «ئارمىيە ۋە ساقچىلار شىمالىي ئوتتۇرا سىنا، دېلتا، نىل ۋادىسىنىڭ غەربىي ۋە بەزى رايونلاردا ھەرىكەت ئېلىپ بارىدۇ. تەربىيەلىنىشتىن سىرت، ئىستىراتېگىيە جەھەتتىن كەڭ دائىرىلىك كۈرەش پىلانىنى ئىجرا قىلىشقا باشلىدى» دېدى.

بۇ پىلاننىڭ 4 نىشانى بارللىقىنى بىلدۈرگەن رىفائى: «1 - سىرتقا تۇتۇشىدىغان نۇقتىلارنى تولۇق كونتىروللۇققا ئېلىش، 2 - رايوننى تېررورچىلاردىن تازىلاش، 3 - ئاشقۇنلۇق ۋە تېررورىزمنىڭ زىيانلىرىدىن مىسىر خەلقىنى قوغداش، 4 – باشقا ھەر تۈرلۈك جنايەتلەرگە قارشى كۈرەش قىلىش» دەپ ئېنىقلىما بەردى.

رىفائى سۆزىدە يەنە، خەلقنىڭ بۇ جەھەتتە ئارمىيە ۋە ساقچىغا ھەمدەم بولۇپ، مەملىكەتنىڭ مۇقىملىقىغا ۋە بىخەتەرلىكىگە تەھدىت شەكىللەندۈرگەن ئۇنسۇرلارنى يوقۇتۇشىنى تەلەپ قىلدى. 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر