ب د ت، پ ك ك نىڭ خەلقكە سالغان زۇلۇملىرى توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلدى

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيە گۇماشتىسى پ ي د / ي پ گ نىڭ ئافرىن خەلقىنىڭ ھەرىكەت ئەركىنلىكىنى بوغۇش ۋە ئەرلەرنى مەجبۇرىي قوراللاندۇرۇشتەك قىلمىشلىرى ب د ت دوكلاتىدىن ئورۇن ئالدى.

906920
ب د ت، پ ك ك نىڭ خەلقكە سالغان زۇلۇملىرى توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت ئىنسانىي ياردەم كوردىناتسىيە ئىشخانىسىنىڭ 7 – فېۋرالدا ئېلان قىلىنغان «سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى» تېمىلىق دوكلاتىدا، پ ي د / پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ پۇقرالارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلغانلىقىغا دائىر مەلۇماتلارغا ئورۇن بېرىلدى. دوكلاتتا، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئافرىندا ئەرلەرنى مەجبۇرىي قوراللاندۇرغانلىقى، خۇسۇسەن ئەرلەرنىڭ ھەرىكەت ئەركىنلىكىگە چەكلىمە قويغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

تەشكىلاتنىڭ، پۇقرالارنىڭ ئافرىندىن چىقىشىغا توسقۇنلۇق قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان دوكلاتتا، «ئافرىنلىق ئەمەس» بەزى كىشىلەرنىڭ 6 – فېۋرالدا زىيارا ئېغىزى ئارقىلىق ھاكىمىيەتنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى رايونلارغا ئۆتكەنلىكىگە دائىر ئۇچۇرلارغىمۇ ئورۇن بېرىلدى. دوكلاتتا يەنە، مەزكۇر كىشىلەرنىڭ %90 ىنىڭ ئاياللار ۋە بالىلاردىن تەركىب تاپىدىغانلىقى، ئەرلەرنىڭ رايوندىن چىقىپ كېتىشىگە رۇخسەت قىلىنمىغانلىقى قەيت قىلىندى.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئافرىن ۋە ئىدلىب رايونلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ %10 ىنىڭ كىملىكىنى ئىسپاتلايدىغان ماتېرىياللىرى يوق ئىكەن، مۇۋەققەت كىملىك ماتېرىياللىرى بارلارنىڭ ماتېرىياللىرىنى تەشكىلات مۇسادىرە قىلماقتا ئىكەن.

بەزى ئۆتۈش ئېغىزلىرى تاقىۋېتىلگەنلىكى ئۈچۈن، ئىلگىرى رايوندىن ئايرىلغان كىشىلەرنىڭ ئائىلىلىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولالمىغانلىقى، بىر قىسىم بالىلارنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىدىن ئايرىم تۇرۇشقا مەجبۇر بولۇپ قالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

دوكلاتتا يەنە، فېۋرال ئېيىنىڭ دەسلەپكى كۈنلىرىدە ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى ئازەزگە قىلىنغان گىراناتامىيوت ھۇجۇملاردا كۆپ ساندا پۇقرانىڭ يارىلانغانلىقى، پۇقرالار ئولتۇرغان بىر ئاپتوموبىلغا گىراناتامىيوت تېگىپ، بىر بالىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، 6 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارغىمۇ ئورۇن بېرىلدى ۋە يارىلانغان پۇقرالارنىڭ تۈركىيەدىكى دوختۇرخانىلارغا ياتقۇزۇلغانلىقى ئەسلىتىپ ئۆتۈلدى. دوكلاتتا، مەزكۇر ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى ئازەزدىكى بىر بازارغا گىراناتامىيوت چۈشۈپ 9 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىغا دائىر مەلۇماتلارمۇ ئورۇن ئالدى.

پ ي د / پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيەدە سادىر قىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە سۈرىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىغا ئوخشاش ئورگانلارنىڭ دوكلاتلىرىدىنمۇ ئورۇن ئالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر