ئەسەدنى قوللىغۇچى كۈچلەر پ ي د/ پ ك ك نىڭ قوماندانلىق مەركىزىگە ھۇجۇم قىلدى

بەزى مەنبەلەر جەمئىي 100 قېتىمغا يېقىن ھۇجۇم قىلىنغانلىقىنى ۋە 100 گە يېقىن تېررورچىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

906280
ئەسەدنى قوللىغۇچى كۈچلەر پ ي د/ پ ك ك نىڭ قوماندانلىق مەركىزىگە ھۇجۇم قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دائېشقا قارشى ئىتىپاقداش قىسىملارنىڭ بايان قىلىشىچە، ئەسەدنى قوللىغۇچى قىسىملار «سۈرىيە دېموكراتىك كۈچلىرى» (SDG)  دەپ ئىسىم قويۇۋالغان تېررورلۇق تەشكلاتى پ ي د/ پ ك ك نىڭ قوماندانلىق مەركىزىگە ھۇجۇم قىلغان.

ئىتتىپاقداش قىسىملار تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئەسەدنى قوللىغۇچى كۈچلەرنىڭ فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدە، 8 كېلومېتىر ئۇزاقلىقتىكى «سۈرىيە دېموكراتىك كۈچلىرى» (SDG) نىڭ قوماندانلىق مەركىزىگە ھۇجۇم قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، ھۇجۇم جەريانىدا ئىتىپاقداش قىسىملارغا تەۋە ئەسكەرلەرنىڭمۇ مەركەزدە بارلىقى ئەسكەرتىلىپ، «دائېشقا قارشى خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملارنىڭ ھەرىكەت نىشانىغا ماشلىشىۋاتقان شېرىكلىرىمىزنى ۋە ئىتىپاقداش قىسىملارنى قوغداش شۇنداقلا ھۇجۇم قىلغۇچىلارنى چېكىندۈرۈش ئۈچۈن قايتارما ھۇجۇم قىلىندى» دېيىلدى.

باياناتتا يەنە، ئىتتىپاقداش قىسىملارنىڭ ئوتتۇرا فىرات ۋادىسىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان دائېشقا قارشى ھەرىكەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

بەزى مەنبەلەر جەمئىي 100 قېتىمغا يېقىن ھۇجۇم قىلىنغانلىقىنى ۋە 100 گە يېقىن تېررورچىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر