گېرمانىيەدە بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش مۇزاكىرىلىرىدە ئىلگىرىلەش ھاسىل بولدى

گېرمانىيەدە ھەر قايسى پارتىيەلەر بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش مۇزاكىرىلىرىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىد.

905506
گېرمانىيەدە بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش مۇزاكىرىلىرىدە ئىلگىرىلەش ھاسىل بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەدە ھەر قايسى پارتىيەلەر بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقىش مۇزاكىرىلىرىدە پىرىنسىپاللىق مەسىلىلەر ئۈستىدە كېلىشتى.

باش مىنىستىر ئانگېلا مېركېل باشچىلىقىدىكى خىرىستىيان دېموكراتلار پارتىيەسى، خىرىستىيان ئىجتىمائىي بىرلىك پارتىيەسى ۋە ئىجتىمائىي دېموكراتلار پارتىيەسى ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلىۋاتقان بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش مۇزاكىرىلىرىدە ئىلگىرىلەش ھاسىل بولدى.

بۇ پارتىيەلەر مىنىستىرلىقلارنى تەقسىم قىلىش مەسىلىسىدە كېلىشكەن بولۇپ، خىرىستىيان دېموكراتلار پارتىيەسىگە ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي ئىشلار، تاشقى ئىشلار ۋە مالىيە ئىشلار مىنىستىرلىقلىرى بېرىلدى.

خەۋەر تور بېتى « Spiegel Online » دە بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان خەۋەردە، خىرىستىيان دېموكراتلار بىرلىك پارتىيەسىنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنى ئۆتكۈزۈۋالىدىغانلىقى ۋە مىنىستىرلىققا پارتىيە رەھبىرى ھورست سېخوفېرنىڭ تەيىنلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خىرىستىيان دېموكراتلار بىرلىك پارتىيەسىنىڭ يەنە قاتناش ۋە تەرەققىيات ياردەملىرى مىنىستىرلىقلىرىنىمۇ باشقۇرىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

بېرلىندا سەيشەنبە ئەتىگەن باشلاپ كەچتە ئاخىرلاشقان مۇزاكىرىلەردە بىردەكلىك ھاسىل قىلىنالمىغانىدى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، مۇزاكىرىلەرگە قاتناشقان ئۈچ پارتىيە ئارىسىدا نۇرغۇن مەسىلە ئۈستىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغاندىن تاشقىرى 167 بەتلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش كېلىشىمى تۈزۈلگەن.

بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن مۇساپە تولۇق ئاخىرلاشمىدى.

خىرستىيان دېموكراتلار پارتىيەسى بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش كېلىشىمىنى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكۈزىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەنىدى.

خىرستىيان دېموكراتلار پارتىيەسى كېلىشىمگە ئىمزا قويۇشتىن ئىلگىرى 463 مىڭدىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسىنىڭ پىكىرىنى سورايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر