ب د ت سۈرىيەدە ھەر تۈرلۈك خىمىيەلىك قوراللارنىڭ ئىشلىتىلىشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېس سۈرىيەدە ھەر تۈرلۈك خىمىيەلىك قوراللارنىڭ ئىشلىتىلىشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى ۋە خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىن جاۋابكارلارنى ئېنىقلاپ چىقىشىنى تەلەپ قىلدى.

905531
ب د ت سۈرىيەدە ھەر تۈرلۈك خىمىيەلىك قوراللارنىڭ ئىشلىتىلىشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپ باياناتچىلىرىدىن فەرھان ھەق كۈندىلىك مۇخبىرلارنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، يېقىنقى ھەپتىلەردىن بۇيان سۈرىيەدىن كېلىۋاتقان خىمىيەلىك قوراللارنىڭ ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەردىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

قايسى شەكىلدە بولسا بولسۇن، خىمىيەلىك قوراللارنىڭ ئىشلىتىلىشىنى قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھەق، گۇتېررېسنىڭ سۈرىيەدە ھەر تۈرلۈك خىمىيەلىك قوراللارنىڭ ئىشلىتىلىشىنى قاتتىق ئەيىبلىگەنلىكىنى قەيت قىلدى ھەمدە گۇتېررېسنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى سۈرىيەدە خىمىيەلىك قوراللارنى ئىشلەتكەنلەرنى ئېنىقلاپ چىقىش ئۈچۈن بىرلىك ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى سۈرىيەدە خىمىيەلىك قوراللارنى ئىشلىتىش بىلەن ئەيىبلەنگەن ۋە جاۋابكارلىققا تارتىلغان بىر دوكلات سۇنغان، رۇسىيە بۇنىڭغا قارشى چىققان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر