شەرقىي غۇتە ۋەزىيىتى بارغانچە ئېغىرلاشماقتا، ئەسەد كۈچلىرى بومباردىمان قىلىشنى داۋالاشتۇرماقتا

ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ مۇھاسىرىسى ئاستىدىكى شەرقىي غۇتەگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا 30 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلدى، 170 پۇقرا يارىلاندى.

904429
شەرقىي غۇتە ۋەزىيىتى بارغانچە ئېغىرلاشماقتا، ئەسەد كۈچلىرى بومباردىمان قىلىشنى داۋالاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پۇقراۋى قوغدىنىش ھەيئىتى مەنبەلىرىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، ھاكىمىيەت كۈچلىرى شەرقىي غۇتەگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ، رايوننىڭ بەيت ساۋا بازىرىدا 10، ھاززا بازىرىدا 6، زەمالىكا بازىرىدا 4، ھاممۇرىيە بازىرىدا 1 پۇقرانىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

ئەسەد ھاكىمىيىتى كۈچلىرى، ئاربىن ناھىيەسىدىكى بىر بازارغا بومبا تاشلاپ، 9 پۇقرانىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى شەرقىي غۇتەدە يېرىمى كىچىك بالا بولۇپ جەمئىي 400 مىڭغا يېقىن پۇقرا ھايات كەچۈرمەكتە. شەرقىي غۇتە، ئاستانا كېلىشىملىرىدە توقۇنۇشتىن خالىيلاشتۇرۇلغان رايون، دەپ ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، رۇسىيەنىڭ كاپالەتچىلىكى ئاستىدىكى ئەسەد ھاكىمىيىتى، ئاپرېل ئېيىدىن بۇيان رايونغا قاراتقان مۇھاسىرىسىنى كۈچەيتتى.

ئىنسانىي كىرىزىس چوڭقۇرلىشىپ كەتكەن رايوندا، 600 دىن ئارتۇقىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ مىڭلارچە بىمار تارقاقلاشتۇرۇشنى كۈتۈپ ياتماقتا. بىمارلارنىڭ كۆپىنچىسى كىچىك بالىلار ياكى ئېغىرلىشىپ كەتكەن راك كېسەللىرىدىن تەشكىل تاپىدۇ. شەرقىي غۇتەلىك كۆپلىگەن بوۋاق ۋە بالىلار ئاچلىق ۋە دورىسىزلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان زورلۇقلار ئىچىدىكى ھايات كۈرىشىدە مەغلۇپ بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر