تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د، پ ك ك ئازېز رايونىغا راكېتامىيوت بىلەن ھۇجۇم قىلدى

ئافرىندىكى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د، پ ك ك سۈرىيەدە ھەلەبنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ئازېز ناھىيەسىدىكى مۇساپىرلار لاگېرلىرىغا راكېتامىيوت بىلەن ھۇجۇم قىلدى.

903721
تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د، پ ك ك ئازېز رايونىغا راكېتامىيوت بىلەن ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د، پ ك ك نىڭ كىلىسنىڭ قارشى تەرىپىگە جايلاشقان ۋە تۈركىيە ئارمىيەسى 2016-يىلى باشلىغان فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى نەتىجىسىدە ئەركىنلىكىگە ئېرىشكەن ئازېز رايونىدىكى مۇساپىرلار لاگېرلىرىنى نىشان قىلغان راكېتامىيوت ئوقلىرى بوش يەرگە چۈشتى.

ھۇجۇمدىن كېيىن، 200 مىڭ مۇساپىر ياشايدىغان لاگېرلاردا قورقۇنچ پەيدا بولدى.

2011-يىلدىن تارتىپ داۋاملىشىۋاتقان ئىچكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان مۇساپىرلار پاناھلىنىۋاتقان لاگېرلاردا، راققە، ھۇمۇس، ھەلەب، دەمەشىق، ئىدلىب، دېيرۇز زۇر ۋە ھاساكە قاتارلىق رايونلاردىن كەلگەن مۇساپىرلار پاناھلانماقتا.

پ ي د، پ ك ك تېررورىستلىرى 3-فېۋرال (جۈمە) ئافرىننىڭ شەرقىدىكى ئۆكتىچىلەر كونترول قىلىپ تۇرۇۋاتقان ئازېزنىڭ بىر بازىرىغا يەتتە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىپ، تۆت ئادەمنى يارىلاندۇرغان ئىدى.

«زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى» باشلىغان 2018-يىل 20-يانۋاردىن باشلاپ، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د، پ ك ك كىلىس ۋە ھاتاينىڭ رەيھانلى ناھىيەسى بىلەن سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ئازېز ۋە مارە بازارلىرىغا راكېتامىيوت بىلەن ھۇجۇم قىلماقتا. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر