ئافرىن رايونىدىكى تېررورچىلار يەنە تۈركىيەگە راكېتامىيوت بىلەن ھۇجۇم قىلدى

ئافرىن رايونىدىكى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك /  پ ي د تېررورچىلىرىنىڭ كىلىس ۋە خاتاينىڭ رەيھانلى ناھىيەسىگە قىلغان 6 راكېتامىيوت ھۇجۇملىرىدا بىرى ئېغىر 9 كىشى يارىلاندى.

902304
ئافرىن رايونىدىكى تېررورچىلار يەنە تۈركىيەگە راكېتامىيوت بىلەن ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررورچىلارنىڭ ئافرىن رايونىدىن ئاتقان راكېتامىيوت ئوقلىرىدىن 3 ى رەيھانلىغا چۈشۈپ، 3 كىشى يارىلاندى، كىلىسقا  چۈشكەن 3 راكېتامىيوت ئوقىدا بولسا بىرى ئېغىر 3 كىشى يارىلاندى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، رەيھانلىغا ئېتىلغان راكېتامىيوت ئوقىدىن بىرى بىر ئۆينىڭ باغچىسىغا، قالغان ئىككىسى سانائەت رايونى ۋە يولغا چۈشكەن. كىلىسقا ئېتىلغان راكېتامىيوت ئوقلىرىدىن ئىككىسى شەھەر مەركىزىگە، قالغان بىرى بوش يەرگە چۈشكەن.

تەكشۈرۈشلەردە بولۇش ئۈچۈن نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن كىلىس ۋالىيسى مەھمەت تەكىرئارسلاننىڭ ئېيتىشىچە، شەھەرگە ئايرىم – ئايرىم ھالدا چۈشكەن 3 راكېتامىيوت ئوقىدا بىرى ئېغىر بولۇپ، 3 كىشى يارىلانغان.

ئىگىلىنىشىچە، تۈركىيە ئارمىيەسى ھۇجۇملارغا دەل ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرغان؛ چېگرا رايونىدا تۇرۇشلۇق قىسىملار تېررورچىلارنىڭ ئافرىندىكى ئۇۋىلىرىنى بومباردىمان قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر