پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى: ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىڭلارنى كۆزدىن كەچۈرۈڭلار

پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە چاقىردى.

901332
پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى: ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىڭلارنى كۆزدىن كەچۈرۈڭلار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىك بالىلارنى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىش ئارقىلىق ياۋروپا ئىتتىپاقى – ئىسرائىلىيە شېرىكچىلىك كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى؛ تەشكىلاتنىڭ باش كاتىپى ئۇرەيقات، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىغا مەكتۇپ يوللاپ، ئىسرائىلىيەنىڭ 16 ياشلىق ئەھەد ئەتتەمىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پەلەستىنلىك بالىلارنى، تىنچ ئۇسۇلدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى نازارەت ئاستىغا ئالغانلىقى ۋە ئۇلارغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇرەيقات، ئىسرائىلىيەنىڭ ئاساسىي گەۋدە سودا شېرىكى ھېسابلىنىدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ دۆلەتكە بېسىم ئىشلىتىش جەھەتتە يېتەرلىك ئىمكانىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

نۆۋەتتە 300 نەپىرى كىچىك بالا بولۇپ جەمئىي 7 مىڭغا يېقىن پەلەستىنلىك ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىدە ياتماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر