نېگىرىيەدە 18 خىتاي پۇقراسى نازارەتكە ئېلىندى
نېگىرىيە كان ۋە پولات تەرەققىيات ئىشلىرى مىنىستىرى كايودە فايامى پىلاتېئۇ ئۆلكىسىدىكى قانۇنسىز كان قېزىش جىنايەتلىرىگە «Dan China» ئىىسملىق بىر خىتاي پۇقراسىنىڭ باشلامچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەربىي ئافرىقا دۆلىتى نېگىرىيەدە قانۇنسىز كان قىزىش جىنايىتى بىلەن شۇغۇللانغان 18 خىتاي پۇقراسىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
نېگىرىيە كان ۋە پولات تەرەققىيات ئىشلىرى مىنىستىرى كايودە فايامى ئېلان قىلغان باياناتىدا، قانۇنسىز كان قېزىشقا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە، ئالاھىدە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ۋە 18 خىتاي پۇقراسى بىلەن 37 نېگىرىيە پۇقراسىنىڭ نازارەتكە ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
كايودە فايامى نېگىرىيەدە قانۇنسىز كان قازغۇچىلارنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمىنىڭ ئالتۇن ۋە كۆك ياقۇت چىقىرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، پىلاتېئۇ ئۆلكىسىدىكى قانۇنسىز كان قېزىش جىنايەتلىرىگە «Dan China» ئىىسملىق بىر خىتاي پۇقراسىنىڭ باشلامچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
پولشا: زېمىنىمىزغا يادرو قوراللىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەييارمىز
پولشا ئۆز زېمىنىغا يادرو قوراللىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.