دائېش تېررورچلىرى ئەمدىلىكتە پ ي د / پ ك ك بىلەن ھەمكارلاشماقتا

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئافرىن رايونىغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى نەتىجىسىدە، بۇلۇڭغا قاپسىلىپ قالغان تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د / پ ك ك – ي پ گ بۇ ئەھۋاللارغا چارە تېپىش ئۈچۈن تېررورلۇق تەشكلاتى دائېش ئەزالىرى بىلەن ھەمكارلاشماقتا.

901414
دائېش تېررورچلىرى ئەمدىلىكتە پ ي د / پ ك ك  بىلەن ھەمكارلاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈرمىلىرىدىكى دائېش ئەزالىرىنى ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىگە ۋە تۈركىيە ئەسكەرلىرىگە قارشى ئۇرۇش قىلىش شەرتى بىلەن قويۇپ بەرمەكتە. 

بۇ دائىرىسىدە تەخمىنەن 400 گە يېقىن دائېش تېررورچىسى ئافرىننىڭ جەنۇبىدىكى جىندەرەس رايونىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

پ ك ك/ پ ي د– ي پ گ تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان دائېش ئەزالىرىنى سەپكە قوشۇش ئۈچۈن ئۇلارغا جازا بېرىلمەيدىغانلىقى ۋە ئۆزى تەۋە دۆلەتتىمۇ ساقچىلارنىڭ ئۇلارنى رازۋېتكا قىلىشنى توختىدىغانلىقى ھەمدە ئىسىملىرىنىڭ تېررورلۇق تىزىملىكىدىن چىقىرىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرمەكتە.

تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان دائېش ئەزالىرى، زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە تۈركىيە ئارمىيەسى قوللاپ – قۇۋۋەتلەۋاتقان ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىگە قارشى ئۇرۇش قىلىش شەرتى بىلەن ئافرىن، رەققە، دەيرىزوردىكى تۈرمىلەردىن قويۇپ بېرىلمەكتە.

ئافرىننىڭ جەنۇبىدىكى جىندەرەس رايونىغا نۇرغۇن ساندا دائېش تېررورچىلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ۋە بۇلارنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ پ ي د– ي پ گ ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىپ، تۈركىيە ئارمىيەسىگە ۋە بىگۇناھ پۇقرالارغا قارشى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى قىلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بۇنڭدىن باشقا يەنە، پ ك ك/ پ ي د– ي پ گ ئەزالىرى سۈرىيەنىڭ باشقا رايونلىرىدىن ئافرىنغا قورال، ئاپتوموبىل ۋە تېررورچى يۆتكەپ، رايونغا زاپاس قوشۇن تەييارلاشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقى، كىچىك بالىلارغا ۋە ئائىلىلىرىگە مەجبۇر قورال تۇتقۇزۇپ، سىپىگە قوشۇش ئارقىلىق سانىنى ئاشۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر