ئامېرىكىدا بىر تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا بىر ساياھەت تىك ئۇچار ئايروپىلانى ئاھالىلەر رايونىغا چۈشۈپ كېتىپ 3 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

900561
ئامېرىكىدا بىر تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كالىفورنىيەدە 4 كىشى ئولتۇرغان بىر ساياھەت تىك ئۇچار ئايروپىلانى قوزغىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا بىر ئاھالىلەر رايونىغا چۈشۈپ كېتىپ 3 ئادەم ئۆلدى؛ ئايروپىلاندىكىلەردىن بىرى قازادىن يارىدار ھالەتتە قۇتۇلدى، ۋەقەدە يەنە، قازا ئەسناسىدا يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر كىشى يارىلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر