لىۋان باش مىنىستىرى تۈركىيەدە

لىۋان باش مىنىستىرى سەئد ھەرىرى باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىمنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن تۈركىيەگە كەلدى.

900675
لىۋان باش مىنىستىرى تۈركىيەدە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھەرىرى باش مىنىستىر  يىلدىرىم تەرىپىدىن چانكايا سارىيىدا رەسمىي مۇراسىم ئارقىلىق قارشى ئېلىندى.

ئىككى باش مىنىستىرنىڭ ئۇچرىشىشىدا، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى، رايونلۇق ئۆزگىرىشلەر، بولۇپمۇ تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش، سۈرىيەنىڭ نۆۋەتىكى ۋەزىيىتى ۋە قانۇنسىز كۆچمەنلىك قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

 يىلدىرىمنىڭ ھەرىرىغا تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش يولىدا تاشلاۋاتقان قەدەملىرى ۋە تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئافرىن رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر