پاكىستاندا پارتلاش يۈز بەردى

پاكىستاننىڭ شىمالىدىكى قەبىلەر رايونى «فاتا» دا بىر ئاپتوموبىل ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا يول چېتىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان مىنانىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە 6 كىشى قازا قىلدى.

899914
پاكىستاندا پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىگىلىنىشىچە، فاتا رايونىنىڭ قۇررام مەھەللىسىدە يېقىن – يورۇقلىرىنىڭ مېيت نامىزىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يولغا چىققان بىر ئائىلە ئەزالىرى ئولتۇرغان ئاپتوموبىل  ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا يول چېتىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان مىنا پارتلاپ، 3 ى ئايال بولۇپ، جەمئىي 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، يارىلانغان بىر كىشى قۇررامدىكى بىر دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر