ھىندىستاندا بىر ئاپتوبۇس يولۇچىلار بىلەن بىرلىكتە دەرياغا چۈشۈپ كەتتى

ھىندىستاننىڭ غەربىدە بىر يولۇچى ئاپتوبۇسى كۆۋرۈكتىن دەرغا چۈشۈپ كېتىپ، 13 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

898254
ھىندىستاندا بىر ئاپتوبۇس يولۇچىلار بىلەن بىرلىكتە دەرياغا چۈشۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەرلىك خەۋەرلەردە بىلدۈرۈلىشىچە، ساقچى مەسئۇلى ئانىل شىندە، ماھاراشتا رايونىغا قارشىلىق كولھاپۇر شەھىرى ئەتراپىدا بىر ئاپتوبۇسنىڭ كۆۋرۈكنىڭ رىشاتكىلىرىغا ئۈسسۇپ ئاندىن دەرياغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇرغان.

ۋەقەدە 13 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 3 كىشى يارىدار بولغان.

ساقچى مەسئۇلى ئانىل شىندە ئاپتوبۇسنىڭ دەريادىن تارتىپ چىقىرىلغانلىقىنى ۋە ۋەقەنىڭ سەۋەبى ھەققىدە جىددىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ھىندىستاندا ھەر يىلى 110 مىڭدىن ئارتۇق كىشى قاتناش ۋەقەلىرى سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر