ئىراندا بىر نېفىت مەھسۇلاتلىرى ئىسكىلاتىغا ئوت كەتتى

ئىراننىڭ جەنۇبىدىكى باندار ئابباس شەھىرىدە بىر نېفىت مەھسۇلاتلىرى ئىسكىلاتىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە، 3 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 2 كىشى ئېغىر يارىدار بولدى.

896902
ئىراندا بىر نېفىت مەھسۇلاتلىرى ئىسكىلاتىغا ئوت كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران دۆلەتلىك تېلېۋزىيە قانىلى ۋەقەنىڭ بىر ئىسكىلاتتا يۈز بەرگەنلىكىنى ۋە قىسقىغىنە ۋاقىتتا كەڭ دائىرىگە كېڭىيىپ كەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

شەھەرنىڭ غەرىبىي تەرەپتە 35 كېلومېتىر ئۇزاقلىقتا يۈز بەرگەن ۋەقەگە مۇداخىلە قىلىش ئۈچۈن ئوت ئۆچۈرۈش ئەترەتلىرى ئەۋەتىلدى.

ئوت ئۆچۈرۈش ئەترەتلىرى ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن ئىسىكىلات بىلەن ئوت تۇتاشمىغان ئىسكىلاتلارنى بىر – بىرىدىن ئايرىش ئۈچۈن قاتتىق تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر