موسكۋادا بىر ئاپتوموبىل ئاپتوبۇس بېكەتتە ۋەقە چىقاردى
ۋەقەدە 1 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 4 كىشى يارىدار بولدى.
896768
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادا بىر ئاپتوموبىل ئاپتوبۇس بېكىتىگە سوقۇلۇپ كەتتى.
رىئا نوۋوۋستى ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، موسكۋانىڭ شىمالىدىكى مىرا مەيدانىدا يۈز بەرگەن ۋەقەدە، 1 كىشى ئۆلۈپ، 4 كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ۋەقەدە، ھەققىدىكى تەكشۈرۈشلەر داۋاملاشماقتا.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى.