گېرمانىيەدە بىر ئاشقۇن مىللەتچى سىياسەتچى مۇسۇلمان بولدى

گېرمانىيەدە ئاشقۇن مىللەتچى گېرمانىيە پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى ئارتۇر ۋاگنېر مۇسۇلمان بولدى.

896114
گېرمانىيەدە بىر ئاشقۇن مىللەتچى سىياسەتچى مۇسۇلمان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەدە ئاشقۇن مىللەتچى گېرمانىيە پارتىيەسىنىڭ بىراندېنبۇرگ ئۆلكىلىك ھاۋېللەند رايونىنىڭ باشلىقى ئارتۇر ۋاگنېر مۇسۇلمان بولدى.

تاگېسسپىئېل گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ۋاگنېرنىڭ ئىسلامنى تاللاپ مۇسۇلمان بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەردە مۇسۇلمان بولۇشى توغرىسىدا توختىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېيتقان ۋاگنېرنىڭ «بۇ شەخسىي مەسىلىدۇر»دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئاپد بىراندېنبۇرگ ئۆلكىلىك تەشكىلات باشلىقى ئاندرېس كالبىتزمۇ «ماركېسچ ئاللاېمېيىن زەيتۇڭ»گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ۋاگنېرنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئېيتىپ : ئارتۇر ۋاگنېر ئىسلامنى قوبۇل قىلىپ مۇسۇلمان بولدى، دېدى.

ۋاگنېرنىڭ 11-يانۋاردا ئاپد بىراندېنبۇرگ ئۆلكىلىك تەشكىلاتىنىڭ تەشكلىي ھەيئەت ئەزالىقىدىن ئىستىپا بەرگەنلىكىنى ئېيتقان كالبىتز، ۋاگنېرنىڭ خۇسۇسىي سەۋەبلەردىن تۈپەيلى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

پارتىيەنىڭ ئۆلكىلىك باياناتچىسى دانيىل پىراس ئىنسانلارنىڭ خالىغان دىننى قوبۇل قىلىش ئەركىنلىكى بارلىقىنى ئېيتىپ: بىزگە نىسبەتەن بۇ مەسىلە ئەمەس، پارتىيە ئەزالىرىمىزنىڭ كۆپ قىسمىمۇ ئۇنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىنى مەسىلە سۈپىتىدە كۆرمەيدۇ، دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر