ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى كۆپەيدى

ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدىكى بىر مېھمانسارايدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 30 دىن ئاشتى.

894421
ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى كۆپەيدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى نەجىپ دانىشنىڭ ئېيتىشىچە، ھۇجۇمدا 4 ى پۇقرا بولۇپ، 10 كىشى يارىلانغان بولۇپ، ئۆلگەنلەر ئارىسىدا پاكىستاندا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان ئافغانىستانلىق بىر دىپلوماتمۇ بار ئىكەن.

ئالدىنقى كۈنى كەچتە كابۇلدىكى بىر مېھمانسارايغا ھۇجۇم قىلغان 4 زوراۋان ئۇدا 15 سائەت داۋاملاشقان توقۇنۇشتىن كېيىن بىر تەرەپ قىلىنغان ئىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غانى ھۇجۇمنى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان  قىلدى.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تالىبان ئۆز ئۈستىگە ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر