سۇدانلىق يېتىم – يېسىرلار تۈركىيە ئارمىيەسىگە دۇئا قىلدى

سۇدانلىق يېتىم – يېسىرلار تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئافرىن رايونىغا قىلغان «زەيتۇن شېخى» ناملىق ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ زەپەر بىلەن ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن دۇئا قىلدى.

893996
سۇدانلىق يېتىم – يېسىرلار تۈركىيە ئارمىيەسىگە دۇئا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ پ ك ك / ك ج ك / پ ي د ۋە دائېش تېررورسىتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش، دوست ۋە قېرىنداش رايون خەلقىنى بېسىم، زوراۋانلىق ۋە زۇلۇمدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئافرىن رايونىغا قىلغان ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ زەپەر بىلەن نەتىجىلىنىشى ئۈچۈن «فەتىھ سۈرىسى» نى ئوقۇپ، تۈركىيە ئارمىيەسىگە مۇۋەپپەقىيەت تىلىدى.

ئۇمدۇرمان شەھىرىنىڭ دارۇسسالام رايونىدىكى ئوسمان بىن ئەففان قۇرئان كۇرسىنىڭ 312 ئوقۇغۇچىسى قۇرئان كەرىم ئوقۇغاندىن كېيىن تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ زەپەر قازىنىشى ئۈچۈن دۇئا قىلدى.

سۇداننىڭ نيىالا شەھىرىدىكى شەيخ ئەھمەد فاراھ ئابدۇللاھ قۇرئان كۇرسىدا ئوقۇۋاتقان يېتىم – يېسىرلارمۇ تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ غەلىبە قىلىشى ئۈچۈن دۇئا قىلدى ھەمدە تۈركىيە بايرىقىنى لەپىلدەتكەن ۋە «زەيتۇن شېخى» دېگەن خەتلەر يېزىلغان قەغەزلەرنى كۆتۈرگەن ھالدا تۈركىيە ئارمىيەسىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى ئىپادىلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر