ھىندىستانمۇ رۇسىيەدىن « S-400 » تىپلىق ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى سېتىۋالىدۇ

ھىندىستان رۇسىيەدىن « S-400 » تىپلىق ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى ئۈچۈن رۇسىيە دائىرلىرى مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى.

893968
ھىندىستانمۇ رۇسىيەدىن « S-400 » تىپلىق ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى سېتىۋالىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستان رۇسىيەدىن « S-400 » تىپلىق ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى سېتىۋېلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى.

ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى (Times of India)دە بۇ ھەقتە چىققان خەۋەرگە قارىغاندا، ھىندىستان ھۆكۈمىتى  رۇسىيەدىن « S-400 » تىپلىق ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى سېتىۋېلىش ئۈچۈن رۇسىيە دائىرىلىرى بىلەن مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشكە باشلىغان. بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك كېلىشىم 2019-يىلى ئىمزالىنىدىكەن ۋە ھىندىستان 5 يۈرۈش  « S-400 » تىپلىق ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى ئۈچۈن رۇسىيەگە 5 مىليارد 500 مىليون دوللار تۆلەيدىكەن.

كېلىشىم رەسمىي ئىمزالانغاندىن كېيىن رۇسىيەنىڭ « S-400 » تىپلىق ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى 4 يېرىم يىل ئىچىدە ھىندىستان دائىرىلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

سىتوكھولم خەلقئارا تىنچلىق ئەھدىنامىسى ئىنىستېتۇتىنىڭ بۇلتۇر ئېلان قىلغان دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ھىندىستان 2012-يىلدىن 2016-يىلغىچە بولغان مەزگىلدە دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ قورال سېتىۋالغان دۆلەتكە ئايلانغان. دوكلاتتا يەنە دۇنيادىكى قورال ئىمپورتىنىڭ %13نى ھىندىستاننىڭ تەشكىل قىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، ھىندسىتان 2012-يىلدىن 2016-يىلغىچە بولغان مەزگىلدە ئەڭ كۆپ رۇسىيەدىن قورال سېتىۋالغان بولۇپ، بۇ ھىندىستاننىڭ ئومۇمىي قورال ئىمپورتىنىڭ %68نى تەشكىل قىلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر