لاۋروۋ: ئامېرىكا سۈرىيەدە باشقا بىر ھەربىي كۈچ شەكىللەندۈرۈشنىڭ كويىدا

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەدە باشقا بىر ھەربىي كۈچ شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن تىرىشۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

892573
لاۋروۋ: ئامېرىكا سۈرىيەدە باشقا بىر ھەربىي كۈچ شەكىللەندۈرۈشنىڭ كويىدا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لاۋروۋ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مەركىزىدە ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا كۈنتەرتىپتىكى مەسلىلەرگە ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

ئامېرىكىنىڭ بۆلگۈنچى تېروررلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى ي پ گ دىن تەشكىل تاپقان بىر تېررورلۇق قوشۇنى قۇرماقچى بولغانلىقى ئۈستىدە توختىلىىپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلىۋاتقان بىر بىرىگە زىت باياناتلىرىدىن تولىمۇ ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

لاۋروۋ: «ئامېرىكا سۈرىيەنىڭ شىمالىدا باشقا بىر ھەربىي كۈچ شەكىللەندۈرۈشنىڭ كويىدا يۈرمەكتە. بۇمۇ سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكى جەھەتتىن ئىلىگىرى بەرگەن ۋەدىلىرىگە پۈتۈنلەي خىلاپ» دېدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر