پاكىستاندا مەينەت سۇ سەۋەبىدىن ھەر يىلى 100 مىڭلىغان كىشى ئۆلىدۇ

پاكىستاندا مەينەت سۇ ئارقىلىق يۇقۇدىغان كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن ھەر يىلى 100 مىڭلىغان كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

892470
پاكىستاندا مەينەت سۇ سەۋەبىدىن ھەر يىلى 100 مىڭلىغان كىشى ئۆلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، پاكىستاندىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ۋە شۇ تۈپەيلى ھاياتىدىن ئايرىلىدىغانلارنىڭ %40 گە مەينەت سۇ سەۋەب بولىدىكەن. پاكىستاننىڭ نوپۇسى 200 مىليونغا يېقىن بولۇپ، پاكىستاندىكى مۇھىت بۇلغۇنىشى، نۇپۇس نىسبىتىنىڭ تېز كۆپىيىشى ۋە قالايمىقان شەھەرلىشىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئومۇمىي خەلقنىڭ ئۆچتە ئىككىسىنىڭ پاكىز سۇدىن مەھرۇم ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.

سەھىيە مىنىستىرلىقى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىللار فوندى جەمئىيىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا كۆرە، ھەر يىلى مەينەت سۇ ئارقىلىق يۇققان كېسەللىكلەر تۈپەيلىدىن ھاياتىدىن ئايرىلدىغان 100 مىڭ كىشىدىن 50 مىڭى 10 ياشتىن كىچىك بالىلاردىن تەكشىل تاپىدىكەن. 

پاكىز سۇ قىسلىقى، بولۇپمۇ يېزا، ناھىيەلەردە ياشايدىغان پاكىستانلىقلارنىڭ ئەڭ مۇھىم قىېيىنچىلىقلىرىدىن بىرسى ھېسابلىنىدىكەن.

پاكىستاندا شىشىلىك سۇلارمۇ پاكىز سۇغا بولغان ئېھتىياجنى قامدىيالماي كەلمەكتە.

بۇ ئارىلىقتا پاكىستان سەھىيە مىنىستىرى شائىرا ئەفزەل، پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ قىيىنچىلىقى مەسلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كېرەكلىك قەدەلەرنى تاشلاشنى داۋاملاشتۇرۇىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

سىند ۋە پەنجاپ ئۆلكىلىرىدىن باشقا يەنە، يېزا رايونلىرىدىكى پاكىز سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈنمۇ تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنى تىلغا ئالغان  شائىرا ئەفزەل: «مەملىكەتنىڭ نۇرغۇنلىغان رايونلىرىغا سۇ تازىلاش سىستېمى قۇردۇق. بولۇپمۇ يېزا رايونلىرىدا مەينەت سۇ تۇرۇببىلىرىنىڭ پاكىز سۇ لېنىيەلىرىگە ئارىلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن خىزمەتلىرمىزنى داۋاملاشتۇرماقتىمىز» دېدى.

ھىندىستاندىن، ئېقىپ پاكىستانغا كېلىدىغان دەريالار ئۈستىگە قۇرۇلغان توسمىلارنىڭ سانى كۈندىن كۈنگە ئېشىپ كېتىشى، پاكىستاندىكى سۇ قېيىنچىلىقىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىدىن بىرسى سۈپىتىدە كۆرسىتىلمەكتە.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر