گۇتېررېس بىلەن لاۋروۋ سۈرىيە ۋە شىمالىي كورېيەنىڭ ۋەزىيىتى ئۈستىدە كېڭەشتى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېررېس سۈرىيە ۋە شىمالىي كورېيەنىڭ ۋەزىيىتى ئۈستىدە كېڭەشتى.

891974
گۇتېررېس بىلەن لاۋروۋ سۈرىيە ۋە شىمالىي كورېيەنىڭ ۋەزىيىتى ئۈستىدە كېڭەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېررېس ئامېرىكىنىڭ نىيۇيورك شەھىرىدە كۆرۈشتى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، لاۋروۋ بىلەن گۇتېررېسنىڭ سۈرىيە ۋە شىمالىي كورېيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئۈستىدە كېڭەش ئۆتكۈزۈپ، بۇ ئىككى دۆلەتتىكى كىرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن  ئەڭ مۇۋاپىق يولنىڭ سىياسىي ۋە دىپلوماتىيە ئىكەنلىكىنى بىردەك مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكلىرى قەيت قىلىندى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، كۆرۈشۈشتە كىرىزىسلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھۆكۈمەتلەرنىڭ باراۋەرلىك ئاساسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ تولىمۇ مۇھىملىقى، شۇنداقلا ئىراننىڭ يادرو خىزمەتلىرى مەسىلىسى بويىچە ھاسىل قىلىنغان «يادرو ئەھدىنامىسى»نىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىنىڭ لازىملىقى  ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئۆتكەن ھەپتە ئىرانغا يادرو كېلىشىمى دائىرىسىدە يولغا قويۇلغان ئېمبارگودىن بىكار قىلىش بەلگىلمىسىنى «ئاخىرقى قېتىم» تەستىقلىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئامېرىكىنىڭ ئىران بىلەن ئامېرىكا، خىتاي، رۇسىيە، گېرمانىيە ۋە فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئارىسىدا 2015-يىلى ھاسىل قىلىنغان يادرو كېلىشىمىنىڭ ئېمبارگولارغا مۇناسىۋەتلىك ماددىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋەتمەيدىغانلىقى، شۇنداقلا ئىرانغا قارىتا يولغا قويۇلغان ئېمبارگولارنى بىكار قىلىش بەلگىلىمىسىنىڭ مۇددىتىنىڭ يەنە 170 كۈن ئۇزارتىلغانلىقى خەۋەر قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر