ب د ت ئىدلىب ۋە شەرقىي گۇتا كىرىزىسى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سۈرىيەدىكى توقۇنۇشماسلىق رايونلىرىنىڭ ئىچىدە بولۇشىغا قارىماي ئىدلىب ۋە شەرقىي گۇتادىكى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان توقۇنۇشلار ۋە ھاۋا ھۇجۇملىرىنىڭ پۇقرالارغا ئېغىر پالاكەتلەرنى ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

892026
ب د ت ئىدلىب ۋە شەرقىي گۇتا كىرىزىسى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشلىرى ئالاھىدە مەسلىھەتچىسى ئاداما دىئېڭ بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ پۇقرالارنى قوغداش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئالاھىدە مەسلىھەتچىسى ئىۋان سىمونوۋىچ قوشما بايانات ئېلان قىلىپ، بۇلتۇر نويابىردىن بۇيان شەرقىي گۇتادا تەخمىنەن 390 مىڭ كىشىنىڭ سۈرىيە ئارمىيەسى ۋە قوللىغۇچىلىرىنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرى ۋە بومباردىمانلىرىغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ قورشاۋى ئاستىدىكى شەرقىي گۇتادا پۇقرالارنىڭ يېمەك - ئىچمەك جەھەتتىن زور قىيىنچىلىق ۋە يېتەرلىك دەرىجىدە ئۇزۇقلىنالماسلىق خەۋىپىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى،  توقۇنۇشماسلىق رايونلىرىنىڭ ئىچىدە بولۇشىغا قارىماي ئىدلىب ۋە شەرقىي گۇتادىكى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان توقۇنۇشلار ۋە ھاۋا ھۇجۇملىرىنىڭ پۇقرالارغا ئېغىر پالاكەتلەرنى ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا خەلقئارا جەمئىيەتنى ئاگاھلاندۇردى، شەرقىي گۇتادا بۇلتۇر 31 – دېكابىردىن بۇ يىل 10 – يانۋارغىچە كەم دېگەندە 30 ى نارىسىدە بالا بولۇپ، جەمئىي 85 پۇقرانىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى، ئىدلىبنىڭ جەنۇبىدا ۋە ھامانىڭ ھەرقايسى يېزا – قىشلاقلىرىدا بارغانسېرى ئەۋج  ئېلىپ كېتىۋاتقان توقۇنۇشلارنىڭ كۆپ ساندىكى پۇقرالارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى ۋە 200 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆي – ماكانسىز قېلىشىغا سەۋەبچى بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مەسلىھەتچىلەر يەنە، ئىلگىرى ھۇجۇملاردىن قېچىپ ئىدلىبكە كەلگەن سۈرىيەلىكلەرنىڭ ئەمدىلىكتە قايتىدىن يېڭى ھۇجۇملارنىڭ نىشانىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى، پۇقرالارغا قارىتىلغان قالايمىقان زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە قاراپ تۇرالمايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى ھەمدە سۈرىيەدىكى بارلىق تەرەپلەر بىلەن خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى بۇ ھۇجۇملارنى ئەيىبلەش، پۇقرالارنى قوغداش ۋە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشقا چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر