ئىراق ئومۇمىي سايلىمى كېچىكتۈرۈلمەيدۇ

ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدار ئەلئىبادى ماي ئېيىدا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلان قىلىنغان سايلاملارنىڭ كېچىكتۈرۈلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

890091
ئىراق ئومۇمىي سايلىمى كېچىكتۈرۈلمەيدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدار ئەلئىبادى پايتەخت باغدادتا كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلدى. ئۇ: «سايلاملار ھەرگىزمۇ كېچىكتۈرۈلمەيدۇ ۋە ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. سىياسىي گۇرۇپپىلار بىلەن سايلام ئىتتىپاقى قۇرۇش مۇزاكىرە قىلىنىۋاتىدۇ، بىراق كىمنىڭ باش مىنىستىر بولۇشى توغرىسىدا ھېچقانداق مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈلمىدى» دېدى.

ئۇ شىئە قوراللىق كۈچلىرى بولغان ھەشدى شەبى ۋە باشقا قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ سايلاملارغا قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە: «سىياسەتنى، مەزھەپچىلىكتىن ۋە ئايرىمىچىلىقتىن يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىغان ئاساسقا ئىگە قىلىش ئۈچۈن تىرىشىمىز. ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە، ئىراقنىڭ قارارى ۋە ئىرادىسىنىڭ ھېچقانداق دۆلەتكە تايانمىغان ھالدا نامايان قىلىنىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز» دېدى.

شىمالىي ئىراق رايونلۇق ھۆكۈمەت بىلەن چېگرا ۋە ئايرودۇرۇملارنى باشقۇرۇش ھەمدە مەمۇرلارنىڭ مائاشى بېرىش مەسىلىلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ: «بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تىرىشىۋاتىمىز، شىمالىي ئىراق رايونلۇق ھۆكۈمىتىمۇ ھەمكارلىقلارنى قوللاۋاتىدۇ، مەمۇرلارنىڭ مائاشىنى بېرىش مەسىلىسىنى مۇھىم مەسىلە قاتارىدا كۆرۈۋاتىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر