كولومبىيەدە تىك ئۇچار ئايروپىلان چۈشۈپ كەتتى

كولومبىيەنىڭ سېگوۋىئا شەھىرى ئەتراپىدا بىر ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە 8 ى ئەسكەر بولۇپ، 10 كىشى قازا قىلدى.

890464
كولومبىيەدە تىك ئۇچار ئايروپىلان چۈشۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كولومبىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە،  « MI17» تىپلىق تىك ئۇچار ئايروپىلان ئانتىئوچۇئا رايونىغا قاراشلىق سېگوۋىئا شەھىرى ئەتراپىدا چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن كولومبىيە پىرېزىدېنتى جۇئان مانۇئېل سانتوس ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا تەزىيە بىلدۈرگەن.

كولومبىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لۇئىس كارلوۋ ۋىللېەگاسمۇ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ قالدۇقىنى تاپقانلىقىنى، ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇرغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر