يىلدىرىم ئىراق باش مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئەلئىبادى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

889117
يىلدىرىم ئىراق باش مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىراق – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايونلۇق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان تېلېفون ئۇچرىشىشىدا، پ ك ك ۋە دائېش قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى  كۈرەشتە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلەنگەن. ئىككى قوشنا ھەم دوست دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر ئۇچرىشىشلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش توغرۇلۇق ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر