سەئۇدى ئەرەبىستاندا شاھزادىلەر تۇتۇپ تۇرۇلغان مېھمانساراي قايتىدىن مۇلازىمەت باشلايدۇ

«دۇنيانىڭ ئەڭ ئالىي تۈرمىسى» دەپمۇ نام ئالغان «Ritz-Carlton» مېھمانسارىيىدا ئەڭ ئەرزان باھالىق ياتاقنىڭ بىر كېچىلىكى 650 دوللاردىن باشلىنىدۇ.

889355
سەئۇدى ئەرەبىستاندا شاھزادىلەر تۇتۇپ تۇرۇلغان مېھمانساراي قايتىدىن مۇلازىمەت باشلايدۇ

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستاندا نويابىردا باشلانغان چىرىكلىكلەرنى تەكشۈرۈش ھەرىكىتى دائىرىسىدە ئونلىغان شاھزادە، سودا – سنائەتچىلەر ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان پايتەخت رىيادتىكى ئەڭ ئالىي مېھمانخانىلاردىن بىرسى بولغان «Ritz-Carlton» مېھمانسارىيى قايتىدىن خىرىدارلىرىغا مۇلازىمەت باشلايدىغان بولدى.

مېھمان ساراينىڭ ئىنتېرنېت بېتىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، «Ritz-Carlton» مېھمانسارىيىنىڭ خىرىدارلىرىنى كېلەر ئايدىن باشلاپ قايتىدىن كۈتۈشنى باشلىيالايدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.

مېھمان ساراي مەسئۇلى رۇيتېرس ئاگېنتلىقىغا بايانات بېرىپ، 14 – فېۋرالدىن باشلاپ ئالدىن تىزىملاش مۇلازىمىتىنىڭ باشلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

«Ritz-Carlton» مېھمانسارىيىدا ئەڭ ئەرزان باھالىق ياتاقنىڭ بىر كېچىلىكى 650 دوللاردىن باشلىنىدۇ.

«دۇنيانىڭ ئەڭ ئالىي تۈرمىسى» دەپمۇ نام ئالغان «Ritz-Carlton» مېھمانسارىيىدا نازارەتكە تۇتۇپ تۇرۇلغان كىشىلەر ئارىسدا، سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئەڭ چوڭ باي ھېسابلىنىدىغان ئالۋەلىد بىن تەلالمۇ بار ئىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىنىڭ نازارەتتىكى كىشلەر بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشلىرىدا ئىلگىرىلەش بولغانلىقى، جىنايىتىنى قوبۇل قىلغان نۇرغۇنلىغان ئەمەلدارلارنىڭ بايلىقىنىڭ مەلۇم بىر قىسمىنى تۆلەش ئارقىلىق ئەركىنلىككە ئېرىشكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر