كولومبىيەدە كۆۋرۈك ئولتۇرۇشۇپ كېتىپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

كولومبىيەنىڭ ۋىللاۋىكېنكو شەھىرى بىلەن پايتەخت بوگوتانى بىر - بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان دۆلەتلىك تاش يول بويىدىكى كۆۋرۈكنىڭ ئولتۇرۇشۇپ كېتىشى نەتىجىسىدە 9 ئىشچى قازا قىلدى.

889533
كولومبىيەدە كۆۋرۈك ئولتۇرۇشۇپ كېتىپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  كولومبىيە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قۇرۇلۇشى تاماملىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان چىراجارا كۆۋرۈكىنىڭ ئولتۇرۇشۇپ كېتىشى نەتىجىسىدە 9 ئىشچىى قازا قىلغان، 8 ئىشچى يارىلانغان بولۇپ، قىزىل كىرېسىت  جەمئىيىتى، پۇقراۋى قوغدىنىش  جەمئىيىتى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسى ئەترەتلىرىنىڭ ئىزدەش - قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا ئىكەن.

يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇزۇنلۇقى 446 مېتىر كېلىدىغان ۋە قۇرۇلۇشى تاماملىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان كۆرۋۈك ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن كېيىن ئىشچىلار تەخمىنەن 280 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى ۋادىغا چۈشۈپ كەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر