شوتلاندىيە بۇ يىل مۇستەقىللىق رېفېراندۇمى ئۆتكۈزۈشى مۇمكىن

شوتلاندىيە باش مىنىستىرى نىكولا سىتۇرگىئۇن شوتلاندىيەدە بۇ يىل مۇستەقىللىق رېفېراندۇمى ئۆتكۈزۈلۈش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈردى.

888385
شوتلاندىيە بۇ يىل مۇستەقىللىق رېفېراندۇمى  ئۆتكۈزۈشى مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شوتلاندىيە بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا مۇستەقىللىق ئۈچۈن رېفېراندۇم (خەلق رايىنى سىناش پائالىيىتى) ئۆتكۈزۈشى مۇمكىن.

شوتلاندىيە باش مىنىستىرى نىكولا سىتۇرگىئۇن ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىشى مەسىلىسى ئايدىڭلاشقان ھامان، شوتلاندىيەنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئىككىنچى قېتىم رېفېراندۇم ئۆتكۈزۈلۈش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

سىتۇرگىئۇن مۇنداق دېدى : «مۇشۇ باھاردا ئەنگلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ئۈستىدە ئېنىق قارار چىقىرىشىمىز لازىم، شۇ ۋاقتىدا شوتلاندىيەنىڭ قانداق قىلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا قەدەم تاشلىيالايمىز.»

ئىككى يىل ئىلگىرى شوتلاندىيەدە ئەنگلىيەدىن ئايرىلىپ چىقىپ مۇستەقىل بولۇش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن رېفېراندۇمدا خەلقنىڭ %55.4ى مۇستەقىللىقنى ئەمەس ئەنگلىيەدە قېلىشنى قوللاپ ئاۋاز بەرگەنىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر