ئامېرىكا سېربىيەلىك قومانداننىڭ ۋىزا ئىلتىماسىنى رەت قىلغان

ئامېرىكانىڭ بىېلگرادتىكى ئەلچىخانىسىنىڭ سېربىيە ئارمىيە ئىشتاب باشلىقى لجۇبىسا دىكوۋىجنىڭ ۋىزا ئىلتىماسىنى رەت قىلغانلىقى ئاشكارىلاندى.

886982
ئامېرىكا سېربىيەلىك قومانداننىڭ ۋىزا ئىلتىماسىنى رەت قىلغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 2017-يىل ئۆكتەبىر ئېيىدا ئامېرىكادا ئۆتكۈزۈلگەن «ئاشقۇن تەشكىلاتلارغا قارشى كۈرەش» تېمىلىق ئارمىيە ئىشتاب باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتناشماقچى بولغان دىكوۋىجنىڭ ۋىزا ئىلتىماسى، ئامېرىكانىڭ بېلگرادتىكى ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن رەت قىلىنغان.

ئىگىلىنىشىچە، دىكوۋىجنىڭ ۋىزا ئىلتىماسىنىڭ رەت قىلىنىشى ھەققىدە ھېچقانداق چۈشەنچە بېرىلمىگەن بولۇپ، سېربىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئالېكساندار ۋۇلىن بۇنىڭغا قارىتا، ۋىزا ئىلتىماسىنىڭ رەت قىلىنغانلىقىنى پەقەت چۈشىنەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋۇلىن، دىكوۋىجنىڭ سېربىيە ئارمىيەسى پەخىرلىنىدىغان جەسۇر ۋە شەرەپلىك بىر ھەربىي ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ھاياتىدىكى ھېچقانداق ئىشىنىڭ ۋىزا ئالالماسلىقىغا سەۋەب بولالمايدىغانلىقىنى قەيت قىلغان.

ئۇ ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ دىكوۋىجقا تۇتقان پوزىتسىيەسىنى سېربىيە ئارمىيەسىنىڭمۇ چۈشىنەلمىگەنلىكىنى، بۇ خىلدىكى قارارلارنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي مۇناسىۋەتلىرىدە يامان تەسىر پەيدا قىلغانلىقىنى ۋە ئۆزئارا ھەمكارلىققا پايدىلىق بولمىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ئۇ سېربىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئامېرىكا تەرەپتىن بۇ ھەقتە رەسمىي چۈشەنچە بېرىشنى كۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، دىكوۋىجنىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇن بىر قانچە قېتىم ئامېرىكا ۋىزاسى ئالغانلىقىنى خاتىرىلەتكەن.

1999-1998 يىللىرى ئارىسىدا يۈز بەرگەن كوسوۋۇ ئۇرۇشىدا ئارمىيەدە ۋەزىپە ئۆتىگەن ۋە دۆلەت ئىچىدىكى بەزى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار تەرىپىدىن ئۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزۈش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان دىكوۋىج، ئۇرۇشقا قاتناشقان ھېچقانداق سېربىيەلىك قومانداننىڭ ئۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزمىگەنلىكىنى ياكى بۇنداق بۇيرۇق چۈشۈرمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر