لاۋروۋ: سۈرىيە مىللىي يىغىنى مۇھىم باسقۇچقا قەدەم قويدى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ سۈرىيە مىللىي دىيالوگ يىغىنىغا مۇناسىۋەتلىك تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ دۆلىتى، تۈركىيە ۋە ئىراننىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە مۇھىم باسقۇچقا قەدەم قويغانلىقىنى ئېيتتى.

885842
لاۋروۋ: سۈرىيە مىللىي يىغىنى مۇھىم باسقۇچقا قەدەم قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لاۋروۋ رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادا ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەۋاد زارىف بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدا، 29 – 30  - يانۋار كۈنلىرى رۇسىيەنىڭ سوچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلىنىۋاتقان «سۈرىيە مىللىي دىيالوگ يىغىنى» توغرۇلۇق توختالغاندا، رۇسىيە، تۈركىيە ۋە ئىران تەرىپىدىن بۇلتۇر ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ئاستانا باسقۇچى سايىسىدا جەنۋە مۇزاكىرىلىرىنىڭ ئەھمىيىتىنىڭمۇ زورايغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «رۇسىيە، تۈركىيە ۋە ئىراننىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە سۈرىيە مىللىي دىيالوگ يىغىنىغا مۇناسىۋەتلىك تەييارلىق خىزمەتلىرىمۇ مۇھىم باسقۇچقا قەدەم قويدى.»

زارىفمۇ لاۋروۋ بىلەن ئوخشاش قاراشقا ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە ۋە رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلرى بىلەن سۈرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن سۈرىيە مىللىي دىيالوگ يىغىنىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش ئىرادىمىز قەتئىي.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر