روھىڭيا مۇسۇلمانلىرى؛ ئاراكانمۇ ياكى پەقەتلا قانمۇ؟ (ئاۋازلىق)

«دۇنيا كۆزنىكى»  (02)

885514
روھىڭيا مۇسۇلمانلىرى؛ ئاراكانمۇ ياكى پەقەتلا قانمۇ؟ (ئاۋازلىق)

 

دۇنيا كۆزنىكى»  (02)

روھىڭيا مۇسۇلمانلىرى؛ ئاراكانمۇ ياكى پەقەتلا قانمۇ؟

(پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇل)

 «دۇنياغا نەزەر» يەنى، «دۇنيا كۆزنىكى» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا، «روھىڭيا مۇسلۇمانلىرى: ئاراكانمۇ ياكى پەقەتلا قانمۇ؟» تېمىلىق ئانالىزنى ئاڭلىتىمىز.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئېسىڭلاردا بولسا كېرەك پىروگراممىمىزنىڭ ئالدىنقى سانىدا «دۇنيا كۆزنىكى»دىن ئۇستانبۇلغا نەزەر سالغان ئىدۇق،  بۈگۈنكى سانىدا بولسا، ئاراكانغا نەزەر سالىمىز.

بەلكى تېخى يېقىنغا قەدەر ئاراكاندىكى روھىڭيا مۇسۇلمانلىرىنى پەرزەنتلىرىڭىز ئاڭلىمىغان بولۇشى مۇمكىن. 2017 – يىلى 25 - ئاۋغۇستتىن كېيىن بىرمانىڭ زۇلمىدىن قېچىپ 500 مىڭدىن ئارتۇق ئىنساننىڭ باڭلادىشتا پاناھلانغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ پاجىئەسىنىڭ نەقەدەر چوڭ ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتۇق. تۆۋەندە سىلەرگە ئەنقەرە يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇلنىڭ مەسىلىگە ئالاقىدار ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

**** *** ** **** **** ***

ئالدى بىلەن ئاراكاننىڭ قەيەرگە توغرا كېلىدىغانلىقىنى چۈشۈنۈش ئۈچۈن بىر ئاز جوغراپىيەدىن سۆز قىلايلى!

بىرما؛ تايلاند، لائوس، خىتاي، باڭلادىش ۋە بىنگال قولتۇقى بىلەن چېگرالىنىپ تۇرىدۇ. ئاراكان بىرمانىڭ 7 ئۆلكىسىدىن بىرسى بولۇپ، بىرمانىڭ ساھىلنى بويلاپ ئۇزۇنغا سۆزۈلغان ئەڭ ئىستىراتېگىيەلىك رايونى ھېسابلىنىدۇ. ئاراكاندا ئىسلام دىنىنىڭ تارقىلىشى بېنگال قولتۇقىدا دېڭىزغا غەرق بولۇپ كەتكەن كېمىدىن قۇتقۇزۇپ قىلىنغان مۇسۇلمان سودىگەرلەر ئارقىلىق باشلانغان بولۇپ، ئاراكان مۇسۇلمانلىرىمۇ خۇددى مورو مۇسۇلمانلىرىغا ئوخشاش ئۇزۇن ئەسىرلەرگىچە ئۆز پادىشاھلىقلىرىنى قۇرۇپ ياشىغان ئىدى. غەرب ئېمپېريالىستلىرىنىڭ كېڭەيمىچى سىياسەتلىرى تۈپەيلى 1885 – يىلىدا ئەنگىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتىگە دۇچ كەلدى. «ئەگەر بىر دەريادا ئىككى بىلىق جېدەل قىلىۋاتقان بولسا، شۇنى بىلىپ قويۇڭكى، ئۇ يەردىن بىر ئاز ئىلگىرى ئۇزۇن پاچاق بىرەر ئىنگلىز ئۆتكەن بولۇشى مۇمكىن» دېگەن قىزىل تەنلىكلەرنىڭ ماقال - تەمسىلىنى ئەسكە سالغاندەك، بىرما 1948 – يىلى ئەنگىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتىدىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن، ئىچكى مەسىلىلىرىمۇ كۆپىيىشكە باشلىدى. 1962 – يىلى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق ھاكىمىيەتنى ئالقىنىغا ئالغان گېنېرال نى ۋىن، ئەينى چاغدا «بىرما» دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان دۆلەت نامىنى «مىيانمار» دەپ ئۆزگەرتتى. شۇنداق قىلىپ بىر پارتىيەلىك جۇمھۇرىيەت دەۋرى باشلانغاندىن كېيىن، دۆلەت سىياسىتى سۈپىتىدە مۇسۇلمانلارنى يۈرت - ماكانلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىش باشلىنىپ كەتتى. ئەينى چاغدا «969 ھەرىكىتى» دەپمۇ ئاتالغان رادېكال بۇددىستلارنىڭ ئىنسانىيەتكە زىت ھۇجۇملىرىنىمۇ ئۇنتۇماسلىق لازىم. ئونلارچە يىل داۋاملاشقان بۇ سىياسەت بىلەن ھازىرقى كەلگەن نۇقتىغا مەيلى قايسى تەرەپتىن قارىسىڭىز قاراڭ، دەرت- ئەلەم، كۆز يېشىن، سۈرگۈن قىلىش، قىرغىن ۋە قان بىلەن تولغان ئاركاننى كۆرىسىز، گويا ئاراكان ئەمەس ئاقان قان.

*** *** ** ** **** ** ** *** *****

بىزمۇ ئاراكاندا مەسىلىلەرگە دىققەتنى تارتىش ئۈچۈن ياۋروپا رەھىڭيالىقلار كېڭىشى باشلىقى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىلىقى مۇئاۋىن مەسلىھەتچىسى، باش ئەلچى ئۈمىد ياردەمنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئەنقەرە يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتىدا بىر يىغىن چاقىرغان ئىدۇق. گوللاندىيەدىن كەلگەن مېھمىنىمىزنىڭ ئىككى ئىسمى بار بولۇپ، بىرسى لا جو، يەنە بىرسى مۇھەممەد ھۇبەيب ئىدى.

نېمە ئۈچۈن؟ دەپ سورىغىنىزدا ۋەزىيەتنىڭ ھەقىقي ماھىيىتىنى چۈشەنگىلى بولىدۇ. چۇنكى مىيانماردا ئايرىمچىلىققا دۇچار بولماسلىق ئۈچۈن بارلىق مۇسۇلمانلار ئۆزىنىڭ ھەققىىي ئىسمىدىن باشقا يەنە مىيانمارچە ئىسىم قوللىنىشى كېرەك. بىز بۇ ئەھۋاللارنىڭ 1980 – يىلىدا بولغارىيەدە تۈركلەرنىڭمۇ بېشىدىن ئۆتكەنلىكىنى، ھەتتا قەبىر تاشلىرىنىمۇ ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى بىلىمىز. قىسقىسى، مەسىلە ئىنتايىن ئېغىر دەرت - ئەلەم تېخىمۇ چېدىغۇچسىز. بىراق نەپەس ئېلىۋاتقانلا بولساق، ئۈمىد بار خۇددى «ئۆلمىگەن جاندا ئۈمىد بار» دېيىلگىنىدەك. شۇڭا ھەل قىلىش چارسىنىمۇ سۆزلىشىشكە توغرا كېلىدۇ.

1 – مىيانمار ھۆكۈمىتىگە خەلقئارالىق بېسىم شەكىللەندۈرۈش. ھەرقانداق يەردە ھەق ۋە ئادالەت ئەمەس، زۇلۇم ۋە زوراۋانلىق مەۋجۇت بولسا، بۇ خىل زورۋاانلىقنى پەقەت كۈچ بىلەنلا توختاتقىلى بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ مىيانمارغا تېخىمۇ قاتتىق بېسىم ئىشلىتىشى ئۈچۈن بارلىق يوللارنى ھەرىكەتكە سېلىش لازىم. بۇ يول ھەممىدىن بەك دۆلەتەر ئارا مۇناسىۋەت ۋە خەلقئارالىق تەشكلاتلار ئارقىلىق تېخىمۇ ياخشى ئىپادىسىنى تېپىشى مۇمكىن.

2 – خەلقئارالىق ھەل قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇشى كېرەك. خۇددى ئۇكرائىنادىكى مىنسىك گۇرۇپپىسىغا ئوخشاش مەسلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا كىرىزىس ۋە ھەل قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇلىشى لازىم. شۇنى بىلىمىزكى، خىتاي بىلەن ھىندىستان بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش تەرەپتە ئەمەس، مەسلىسىنى كۈچەيتىش تەرەپتە تۇرىدۇ. بۇنىڭغا قارىماستىن، ئۇلارنىمۇ مۇمكىن قەدەر ھەل قىلىش ھەرىكىتىنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ ھەل قىلىش گۇرۇپپىسى ئاراكانلىقلارنىڭ بىخەتەر ھالدا دۆلەتلىرىگە قايتىشىنى ۋە قايتقاندىن كېيىنكى ياشاش ھەق – ھوقۇقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى كاپالەت ئاستىغا ئېلىش ئۈچۈن كۆزىتىشكە مەسئۇل بولۇشى لازىم.

3 – ئاراكاندىكى زۇلۇم، بېسىم ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى خەلقئارالىق مەسىلىگە ئايلاندۇرۇش. ئاراكانلىقلارمۇ خۇددى سۈرىيەدىكى كوردلارغا ئوخشاش تېخىچە رەسمىي كىملىككە ئىگە ئەمەس. رەسمىي قانۇنلۇق سالاھىيىتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، مائارىپ، سەھىيە قاتارلىق ئەقەللىي ئېھتىياجلىرىنى ھەل قىلىشمۇ مۇمكىن ئەمەس. دۇنيادىكى بارلىق ئاممىۋىي تەشكىلاتلار، خالىسانە ياردەم جەمئىيەتلىرى، ئۆزى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەردە بۇ دەپسەندىچىلىكلەرنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلەلەيدۇ. قانۇنلۇق ھەرىكەت باشلىيالايدۇ. ھەق – ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى سادىر قىلغان دۆلەت ياكى ئارمىيە مەسئۇللىرىغا قارىتا ئېچىلىدىغان داۋالار، ئەگەر نەتىجىلىك بولغان تەقدىردە، ۋاز كەچتۈرگۈچ رول ئوينىيالىشى مۇمكىن.

4 – باڭلادىشقا ياردەم قىلىش كېرەك. ئۆزى قېيىن ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقان باڭلادېشنىڭ يۈز مىڭلىغان كىشىگە ياردەم قىلالىشى ئۈچۈن يالغۇز تاشلاپ قويۇلماسلىقى لازىم.

5 – ئىستىراتېگىيە ئورگانلىرىنى ئالدىنقى پىلانغا چىقىرىش لازىم. مىيانمارنىڭ زۇلۇملىرىغا ئوخشاش دۇنيانىڭ قانداق يېرىدە بىر ئىنسانىيەتكە خىلاپ كىرىزىس بولسا، تۈركىيە، ئاپەت ۋە جىددىي ھالەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى، قىزىل ئاي جەمئىيىتى، ئىنسان ھەق ۋە ھۇرىيەتلىرى، ئىنسانپەرپەرۋرەلىك يارىدەم جەمئىيىتى «İHH» قاتارلىق ئاممىۋىي تەشكلاتلار ھەر تۈرلۈك ياردەملەردە بولۇشى كېرەك. لېكىن ئىنتايىن قىممەتلىك ۋە جىددىي بولۇش بىلەن بىرگە پەقەتلا ئىنسانپەرۋرەلىك ياردەملەرمۇ يەتمەيدۇ. بەلكى ئىستىراتېگىيەلىك ھەل قىلىش چارىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان مەركىزىي ئورگانلار، ئومۇمىي يۈزلۈك ئەمەس، خۇسۇسىيلاشقان تەتقىقات ئورگانلىرىمۇ يەنە شۇنداق قىممەتلىك ئىشلارنى قىلالايدۇ.

6 – تۈركىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە بىر خەلقئارالىق دائىمىي كىرىزىس گۇرۇپپىسى قۇرۇپ چىقىش لازىم.

7 – يەر شارى خاراكتېرلىك چۈشەنچە پەيدا قىلىش لازىم. چۈنكى ئاراكان مەسىلىسى، قۇددۇسقا ئوخشاش پەقەت مۇسۇلمانلارلا تەرەپدار بولىدىغان مەسىلە ئەمەس. بۇ خىل مەسىلىلەردە خەلقئارالىق پىكىر پەيدا قىلىش ئىنتايىن مۇھىم. بۇ نۇقتىدىن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ رەپىقىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەمىنە ئەردوغان خانىمنىڭ زىيارەت قىلغانلىقى ئىنتايىن مەنىلىك بولغان ئىدى. دۇنيانىڭ مەيلى قانداقلا يېرىدە بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ئوقۇرمەنلىرىمىزمۇ يەر شارى خاراكتېرلىك پىكىر پەيدا قىلىش ئۈچۈن ئاكتىپ خىزمەت قىلالايدۇ. 

بەزىدە بىرلا نەرسە ئۆزگەرسە، نۇرغۇن نەرسىلەر ئۆزگىرىشكە باشلايدۇ. خۇددى شائىر «كېلىمات ئۆزگەرسە، ئاقدېڭىز بولىدۇ» دېگەندەك...

ئۇنداقتا قېنى ئەمىسە قاراپ تۇرمايلى! ئازاپلارنى ئورتاقلاشقىنكى، زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ كۆز ياشلىرى ئازايسۇن. ئاراكانلىق ئوماق بالىلار ئەتىسىگە قورقۇنچ ئىچىدە ئەمەس، ئۈمىد بىلەن قارىيالايدىغان بولسۇن!

ئاپتورى: ئەنقەرە يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇل

ھۆرمەتلىك  قېرىنداشلار! يۇقىرىدا يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇلنىڭ مەسلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق. كېلەر ھەپتە يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا، يەنە باشقا ئانالىزلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز. قايتا كۆرۈشكىچە ئامان بولغايسىلەر خەيىر خوش!!

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر