ئامېرىكا بىلەن پاكىستان ئارىسىدىكى «ياردەم كىرىزىسى»كەسكىنلەشمەكتە
ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى پاكىستانغا كېلەر يىلدا ھەربىي ياردەم قىلمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى پاكىستانغا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش بەدىلىگە بېرىلىدىغان 900 مىليون دوللار ياردەم پۇلىنىڭ توختىتىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
بۇ ھەقتە بايانات بەرگەن پېنتاگون باياناتچىسى ئوفېستىر روب ماننىڭ مۇنداق دېدى: «2017-يىلدىكى مالىيەگە مۇناسىۋەتلىك دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇقى قانۇنىنىڭ روھىي بويىچە ياردەم فوندىدىن پاكىستانغا 900 مىليون دوللار ئاجرىتىپ بېرىلىشى كېرەك ئىدى، ھازىرچە بۇ پۇل بېرىلمەيدۇ، پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىدىغانلىقىغا ئىشەنگەنلىكىمىزدىن بۇ پۇلنى بىكار قىلىۋەتمەي ، پەقەت ۋاقىتلىق توختىتىپ قويدۇق.»
2016-يىلى پاكىستانغا 540 مىليون دوللار ياردەم قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ماننىڭ مۇنداق دېدى: « تەلەپلىرىمىزنى يەتكۈزدۇق، تالىبان ۋە ھەققانى كاتتىباشلىرى ۋە ئەزالىرىنىڭ پاكىستاندا ھەرىكەت قىلىشىغا قەتئىي رۇخسەت قىلىنماسلىقى لازىم، ھۆكۈمىتىمىز پاكىستانغا بۇ ھەقتىكى پوزىتسىيەسىنى بىلدۈردى، بىز بارلىق تېررورچىلارغا قارشى پاكىستان بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشقا تەييارمىز.»
پاكسىتان ھۆكۈمىتى بىلەن بۇ مەسىلە توغرۇلۇق مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشنى داۋملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان ماننىڭ، مەسىلە ھەل بولمىغان تەقدىردە 2018-يىلدىن كېيىنكى ياردەم پۇلىنىڭمۇ بېرىلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئامېرىكا بىلەن پاكىستان ئارىسىدىكى سۈركىلىش ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ پاكىستان ھۆكۈمىتىنى ئافغانىستاندىكى تېررورچىلارغا يانتاياق بولۇش بىلەن ئەيىبلىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقتى. تېررورىزىمغا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە پاكسىتاننىڭ ئامېرىكىغا ئىككى يۈزلىمىچىلىك قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ترامپقا پاكسىتان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى مەغلۇبىيىتىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى پاكىستانغا ئارتىپ قويۇشقا بولمايدىغانلىقىنى، پاكىستاننىڭ ئامېرىكىغا قىلغان خىزمەتلىرى بەدىلىگە ياردەم پۇلى بېرىلىپ كېلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتقانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئىسسىق ئىقلىملىق بەزى دۆلەتلەردە قار ياغدى
ئىسسىق ئىقلىمى بىلەن تونۇلغان سەئۇدى ئەرەبىستان، ئىيوردانىيە، لىۋان ۋە ئىراقتا قار ياغدى.